قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 شوخلا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر قىسىم كېسەللىكلەرگىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ

2017-11-13 17:20:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شوخلىنىڭ تېرىسى ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئېزىپ زەخىملەنگەن يەرگە ھەر كۈنى 2- 3 قېتىم سۈركەپ بەرسە، زەمبۇرۇغ، يۇقۇملۇق تېرە كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
شوخلىنى سىقىپ، سۈيىگە ئاز مىقداردا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىگە سۈركەپ بەرسە، تېرىنى نۇرلاندۇرۇپ قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە زەھەر ياندۇرۇپ قىزىتما قايتۇرۇش، ۋىرۇسلارنى تىزگىنلەش رولىغىمۇ ئىگە. ھەر كۈنى شوخلىدىن بىر- ئىككى تال ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇلغان شوخلىدىن بىر- ئىككى تال يەپ بەرسە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.
شوخلا بىلەن ئالمىدىن بىر تال، كۈنجۈتتىن 15 گرامنى قوشۇپ، ھەر كۈنى بىر- ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلىشنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا، قان ئازلىقنى داۋالايدۇ.
يېنىك ھەزىم خاراكتېرلىك يارىسى بارلار، سىقىلغان شوخلا بىلەن بەرەڭگىنىڭ ھەر قايسىسىنى يېرىم ئىستاكاندىن ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن ئۇدا 10 قېتىم ئىستېمال قىلغاندا يارىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
شوخلا سۈيىدىن بىر قوشۇق، كەرەپشە كۆكى، سەۋزە كۆكى ۋە قوي مېيىدىن يېرىم قوشۇق ئېلىپ شوۋىگۈرۈچنىڭ ئىچىگە سېلىپ قاينىتىپ، تۇز بىلەن تەم تېتىقۇچتىن سېلىپ ئىستېمال قىلسا، جىگەر ياللۇغىنى داۋالايدۇ.
بىر- ئىككى تال شوخلىنى يالپاقداپ ئازراق تۇز ياكى شېكەر قوشۇپ، قىيام قىلىپ ئىسسىق ئىچىپ بەرگەندە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
شوخلا شەربىتى ۋە تاۋۇز شەربىتىنىڭ ھەر قايسىسىدىن يېرىم ئىستاكاندىن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر سائەتتە بىر قېتىم ئىچسە قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ.شوخلىنى پاكىز يۇيۇپ، مېۋە قاتارىدا يېرىم ئاي ئۈزۈلدۈرمەي يەپ بەرگەندە، چىش مىلىكى قاناشنى داۋلايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى