قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلىدى

2017-11-13 19:24:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى شەھەر- يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى سېلىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شەھەر- يېزىلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي شارائىتى ۋە مۇھىتىنى ياخشىلىدى.

  ھازىر قاتار- قاتار سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى ياركۆۋرۈك يېزىسىنىڭ كەنتلىرىدىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغان مەزگىلدە بۇ يېزىنىڭ ياكۆۋرۈك كەنتىدىكى ئېنېرگىيە ئولتۇراق رايونى قۇرۇلۇش تۈرى تاماملىنىپ، ئاھالىلار يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈشكە باشلىدى. نەچچە كۈندىن بېرى ئۆي كۆچۈش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن تۇرسۇن مەمەت مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئېنېرگىيە ئولتۇراق رايونى قۇرۇلۇپ، شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ئازادە، يېڭى ئۆيلەردە ئولتۇرالايدىغان بولدۇق. بۇ خۇشاللىقنىڭ دەل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان قۇتلۇق دەملەرگە توغرا كەلگەنلىكىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم.

  ئۇقۇشىمچە، دۆلەت ئېنېرگىيە مەنبەسى شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ياكۆۋرۈك كەنتىدىكى ئېنېرگىيە ئولتۇراق رايونىغا 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 56 ئائىلىلىك دېھقان ئولتۇراقلاشقان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، باشتىن- ئاخىر «ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئاممىغا بەخت يارىتىش» قارىشى بويىچە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىت−ىش قۇرۇلۇشىنى «ئەلرايى قۇرۇلۇشى» قىلىپ، پۇقرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 2011- يىلىدىن بۇيان بۇ ناھىيە 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 33 مىڭ 12 يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىپ، ئاممىنىڭ خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى