قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىن قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ يېزىسى يېڭىئاۋات كەنتىگە چۈشكەن كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىغا نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

2017-11-14 12:38:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىن قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ يېزىسى يېڭىئاۋات كەنتىگە چۈشكەن«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىغا نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ يېزىسى يېڭىئاۋات كەنتىدىكى ئابدۇراخمان ئابدۇرىشىت 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، ياڭاق ساتقان 15 مىڭ يۈەننى قولىغا ئېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى. يېڭىئاۋات كەنتى-- باغ- ئورمان كەسپىدىكى چوڭ كەنت بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ياڭاق ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلاتتى. ئەمما، سېتىش يوللىرى ئانچە راۋان ئەمەس ئىدى. كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىپلا قالماي، كەنتتە ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. ئابدۇراخمان ئابدۇرىشىت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، ياڭاقلارنى سېتىشتىن غەم قىلاتتۇق. مانا ھازىر، كەنتىمىزدىمۇ ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى قۇرۇلۇپ، ياڭاقنى ياخشى باھادا ساتالايدىغان بولدۇق.
يېڭىئاۋات كەنتىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىش-- كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەنتتە قۇرۇلۇش ئەترىتى تەشكىللىدى، تىككۈچىلىك دۇكىنى، تورتخانا قاتارلىقلارنى ئېچىپ، كەنتتىكى 50 نەچچە ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنىڭ ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 69 ئادەمنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللىدى. كەنتتىكى تىككۈچىلىك دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقان تۇبىگۈل مۇنداق دېدى: ياخشى ئۆگىنىدىغانلا بولساق، ئايدا 3، 4 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالالايمىز. خىزمەت ئەترىتى يەنە قېيىنئانامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 كىشىنىڭ كۆز ئوپىراتسىيەسىنى ھەقسىز قىلدۇردى. ئۇلار بىزگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى. ئۇلار ئۆز تۇغقانلىرىمىزغا ئوخشايدۇ.
خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا يېتەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلدى. ئىلگىرى، يېڭىئاۋات كەنتى تىپىك ئاجىز، بوشاڭ، چېچىلاڭغۇ كەنت ھىساپلىناتتى، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئاھالىلار ئارىسىدىكى نۇپۇزىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، كەنت كادىرلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ، ئۇلارغا چارە- ئامال ۋە تەجرىبىلەرنى ئۆگەتتى. ھازىر، كەنت ئىشلىرى ئاشكارە بولۇپ، كەنت ئاھالىلار كومىتېتى ۋە كەنت پارتىيە ياچىيكىسى بەنزىسىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى يەنىمۇ ئاشتى. كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى روزىمەت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ھازىر ئامما پارتىيە ياچىيكىسىغا ئەگىشىدىغان، كەنت كادىرلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا ئاساسىمىز بار بولدى. بىز ئۆلچەمنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دۆلەت تىلى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالىمىز. پارتىيە19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش تىلغا ئېلىندى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى گۈلگىنە نىياز مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېيىش يولىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز. ئەسلىي مەقسەدنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە19- قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا، بەنزە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى