قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيتىنىڭ 2017- يىللىق شىنجاڭدىكى قوش تىللىق ئادۋۇكاتلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئوقۇش باشلىدى

2017-11-14 12:38:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيتىنىڭ 2017- يىللىق شىنجاڭدىكى قوش تىللىق ئادۋۇكاتلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى،  ئۈرۈمچىدە ئوقۇش باشلىدى.
16 كۈن داۋاملىشىدىغان مەركەزلىك تەربىيەلەشتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن كەلگەن، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان 81 نەپەر مۇنەۋۋەر ئادۋۇكات شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئېنىستىتوتىنىڭ پروفىسسورلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشلىرىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، قانۇنشۇناسلىق ئاساسىي بىلىملىرى، ئادۋۇكاتلىق كەسپى، شۇنىڭدەك ئادۋۇكاتلىق ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلىنىدۇ. شىنجاڭ ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىمجان ئەمەت مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئادۋۇكاتلار خىزمىتىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، بولۇپمۇ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ما گوخۇا تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ سىجىل ئالغا سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىدىكى يادرولۇق رايون بولغان شىنجاڭنىڭ قانۇن مۇلازىمىتىگە بولغان ئىھتىياجى تېز ئاشتى. شۇڭا، مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيتى شىنجاڭنىڭ قانۇن مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەخسۇس خىراجەتتىن پايدىلىنىپ، «قوش تىللىق ئادۋۇكاتلارنى تەربىيەلەش پىلانى» نى يولغا قويدى. قوش تىللىق ئادۋۇكاتلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ئەلا بولغان قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاز سانلىق مىللەت ئادۋۇكاتلىرىنىڭ قوش تىلدىن پايدىلىنىپ، قانۇن مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى