قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر گۇرۇپپا قىسقا خەۋەرلەر

2017-11-14 12:38:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدە، بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، سۈپەت ئۈنۈمى مۇقىم يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 138 مىليارد 782 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشتى.
ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا ئۇچىدىغان تۆۋەن تەننەرخلىق ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىدە مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى قاتناش ئەسلىگە كېلىدۇ ھەمدە قەرەلسىز ھالدا، 9 يۈەنلىك، 99 يۈەنلىك ئالاھىدە باھالىق بىلەتلەر سېتىلىدۇ. تۆۋەن تەننەرخلىق بۇ ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى-- گۇاڭجۇ، ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق 3 جاينى تۇتاشتۇرىدىغان بولۇپ، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئايروپىلان ئۇچۇپ، شۇ كۈنى بېرىپ شۇ كۈنى قايتىدۇ.
دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2017- يىللىق «ساغلام جۇڭگو سەپىرى-- شىنجاڭغا سەپەر» تەشۋىق-تەربىيە ھەپتىلىكى پائالىيىتى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش- مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى، خالىس مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىسىغا ساغلاملىق ۋە تىببىي بىلىملەردىن ساۋات بەردى.
2017- 2018- يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە باشلاندى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 78 دە 90 نۇمۇر بىلەن، جياڭسۇ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى يەنە ئۆز مەيدانىدا سىچۈەن ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى