قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىن 47 مىڭ ئېشىنچە ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتى

2017-11-14 12:54:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن كۆپىيىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم 445 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 32 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، يىللىق نىشان ۋەزىپىسى 101.2 پىرسەنت ئورۇنلانغان. 2 مىليون 476 ئادەم قېتىم يېزا ئېشىنچە ئەمگەكچىسى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلاردىن 45 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىللىق نىشان ۋەزىپىسى 90 پىرسەنت تاماملانغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىن 47 مىڭ ئېشىنچە ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ يىللىق 40 مىڭ ئېشىنچە ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئەمگەكچىلەرنى شىنجاڭ ئىچىگە تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى سىلجىتىپ، مىللەتلەرنىڭ بېرىش- كېلىش قىلىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىنقى 3 پەسىللىك كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن تەقسىمات كىرىمى 22 مىڭ 514 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.1 پىرسەنت؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن تەقسىمات كىرىمى 3 مىڭ 467 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.4 پىرسەنت ئاشقان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى