قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نىلقا ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئورۇنلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى

2017-11-14 15:18:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلزار ئوسمان خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، نىلقا ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى تارماق، ئورۇنلار كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە جىددىي تەشكىللەپ، دوكلاتنىڭ مول مەزمۇنى ۋە ئىدىيەۋى جەۋھىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى.

  ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىگە بارغىنىمدا، كادىرلارنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

  كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دوكلاتتا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشقا قارىتا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ كىشىنى ھەقىقەتەن ئىلھاملاندۇرىدۇ؛ مۇھىت ئاسراش خادىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن «مۇھىتى پاكىز، مىللەتلەر ئىتتىپاق، خەلق تۇرمۇشى باياشات، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان» گۈزەل نىلقا قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.

  ئۇقۇشىمچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى باشتىن- ئاخىر «ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ھەرگىزمۇ مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرمەسلىك»تەك تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل- تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ناھىيەنى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزگەن. ئېكولوگىيەنى تۈزەشكە 125 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆلىمى 1 مىليون 640 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن، 52 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر ئورمانغا قايتۇرۇلغان؛ 250 مىڭ مو ئوتلاق قاشالىنىپ، سۇڭخۇ تۆمۈر كېنى تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە يېشىل كان سىناق نۇقتا ئورنىغا كىرگۈزۈلگەن. ناھىيە بازىرىدا يېڭىدىن 90 مىڭ كىۋادرات مېتىر يېشىل مەيدان ياسىلىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يېشىللىق كۆلىمى 9.7 كىۋادرات مېتىرغا، قۇرۇلۇش قىلىنغان رايونلارنىڭ كۆكەرتىلىش نىسبىتى %39.9كە، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى %40كە يەتكەن. يېزا- كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، يېڭىدىن دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك يېزىدىن ئىككىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزىدىن ئىككىسى، ئوبلاست دەرىجىلىك يېزىدىن 12 سى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيە كەنتىدىن 42سى، ئوبلاست دەرىجىلىك ئېكولوگىيە كەنتىدىن 74ى بارلىققا كەلگەن. ئوبلاست بويىچە تۇنجى بولۇپ دۆلەت مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىغا سانلىق مەلۇماتلارنى بىۋاسىتە دوكلات قىلىش، ئاتموسفېرا شاۋقۇنىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش پونكىتى قۇرۇلۇپ، ئاساسلىق بۇلغانمىنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئومۇمىي مىقدارى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغان؛ تەۋەلىكتىكى يەر ئۈستى سۈيى، ئىچىدىغان سۇ %100 ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلۈپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى مۇقىم ياخشى بولىدىغان كۈن سانى 350 كۈندىن ئاشقان.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى