قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئوتتۇرا ياشلار، ياشانغانلارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى

2017-11-14 15:19:33     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ھەرخىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، قاتلىنىدىغان ياشانغانلار كۆز ئەينىكى، ياشانغانلارنىڭ تېيلىشتىن ساقلىنىش ئايىقى ... ئۈرۈمچىدىكى خې جىيۇڭ «قوش 11» كۈنى تېخى يېتىپ كەلمەستىلا يۇقىرىقى بۇيۇملارنى تور دۇكانلىرىنى ئايلىنىپ، ساقلاپ قويغانىدى.

 خې جىيۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېيجىڭ شەرقىي يولىدا ئولتۇرىدۇ، بۇ يىل 70 ياشقا كىردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ توردىن ئۆزىگىلا مال سېتىۋېلىپلا قالماستىن، قوشنىلىرىغىمۇ ياردەملىشىپ مال سېتىۋېلىشىپ بېرىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، خې جىيۇڭغا ئوخشاش توردا مال سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ياشانغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، «ئەلى بابا» تورىنىڭ بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا توردىن مال سېتىۋالىدىغان، 50 ياشتىن ئاشقان ئىستېمالچىلار توردىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5000 يۈەنلىك مال سېتىۋالغان. 50 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان پېنسىيۇنېرلار بۈگۈنكى كۈندە توردا مال سېتىۋالىدىغان ئاساسلىق كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، «تاۋباۋ»، «تيەنماۋ» قاتارلىق تور بېكەتلىرىدىكى ئوتتۇرا ياش، ياشانغان 30 مىليون ئىستېمالچىنىڭ %75ىنى ئىگىلىگەن. ئۆتكەن توققۇز ئايدا 50ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلار سېتىۋالغان مال ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 44 خىلغا يەتكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، ئوتتۇرا ياشلار، ياشانغانلار توردا ياخشى كۆرۈپ سېتىۋالىدىغان بۇيۇملار يانفون، قىممەت تولۇقلاش كارتىسى، يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىقلار ئىكەن، شىنجاڭلىق ياشانغانلار ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يانفون، كىيىم-كېچەك، ساغلاملىق بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى بەكرەك سېتىۋالىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى