قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھاياتنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ

2017-11-14 15:34:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئادەم ئۆز ئۆمرىدە ئاتا - ئانىسىغا سەل قارىماسلىقى لازىم. ھەرگىزمۇ ئاتا - ئانامغا ئۆز ۋاپادارلىقىمنى يەتكۈزىۋالارمەن دېمەسلىكى لازىم، ۋاپادارلىقنى بۇرۇنراق يەتكۈزگەن ئەلۋەتتە ھەممىدىن ياخشى.
ئادەم ئۆز ئۆمرىدە ھەمرايىغا سەل قارىماسلىقى لازىم. ھەرگىزمۇ ھەمرايىم بىلەن كۈندە بىرگە تۇرىۋاتىمەن، ئوتتۇرىمىزدىكى ھېسىيات بۇرۇنلا تۈگىگەن، دېمەسلىكى لازىم. ئەمەلىيەتتە، ھەمرايىڭىز سىز ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك يۆلەك ھېسابلىنىدۇ.
ئادەم ئۆز ئۆمرىدە پەرزەنتلىرىگە سەل قارىماسلىقى لازىم. ھەرگىزمۇ بالىلار ئاخىرقى ھېسابتا ئۆي ئايرىپ چىقىپ كېتىدۇ، دېمەسلىكى لازىم. بىز كۈندىن - كۈنگە ياشانغانسېرى بالىلارنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلىمىز.
ئادەم ئۆز ئۆمرىدە ئۆز ئارزۇسىغا سەل قارىماسلىقى لازىم. ھەرگىزمۇ قولۇمغا پۇل كىرگەندە ھەممە ئارزۇلۇرۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، دېمەسلىكى لازىم. ئارزۇ- ئۈمىدلەردىن مەھرۇم بولغاندا، ئۆز روھىتىڭىزنىڭ تولىمۇ نامرات ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
ئادەم ئۆز ئۆمرىدە بۈگۈنكى كۈننى چىڭ تۇتۇشى زۆرۈر. بۇرۇنقى ئىشلار ئىچىگە چۆكۈپ قالماسلىقى، كەلگۈسىگە ئۆزىنى ئاتىۋەتمەسلىكى لازىم، چۈنكى بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەن، كەلگۈسى نامەلۇم بولغان بولىدۇ.
ئادەمنىڭ ئۆمرى قارىماققا بەك ئۇزۇن بىلىنىدۇ، لېكىن ئۆتكەن كۈنلىرىڭىزگە نەزەر سالغىنىڭىزدا، كۈننىڭ ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىڭىزنىڭمۇ بىلىپ- بىلمەي قېرىپ قالغانلىقىڭىزنى بايقايسىز. پۇشايماندا قالماي دېسىڭىز، ھازىرقى ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەپ، ئوبدان ياشاڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى