قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىناقلىق يىلتىزى مەڭگۈ قۇرۇمايدۇ

2017-11-14 15:35:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ليۇ جاڭشياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كەنتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ليۇ جاڭشياڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 5- ئاينىڭ 26- كۈنى
ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدىسى بويىچە قوي سويۇپ، پولۇ ئېتىپ، كەنتتىكى چوڭ- كىچىك، ئەر- ئايال ھەممەيلەننى مېھمانغا چاقىردى. ھاسىغا تايىنىۋالغان ليۇ جاڭشياڭ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.
 -سىلەر ماڭا قايتا ھاياتلىق بەردىڭلار، - دېدى ليۇ جاڭشياڭ كۆپچىلىككە، -بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر بىلەن تېخىمۇ ئېجىل- ئىناق ياشايمەن... - ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى، ھاياجانلىق كۆز يېشى ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزۈپ قويغانىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ھادىسىگە ئۇچرىغان شۇ كۈنىدىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرە، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە كەنتتىكىلەرنىڭ قىيا - چىيالىرى، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش جەريانىدىكى تونۇش چىرايلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن مېھىر- مۇھەببىتى، دوختۇرخانىغا يوقلاپ بارغان قولۇم- قوشنىلىرىنىڭ ياخشى تىلەكلىرى بىر- بىرلەپ كېلىشكە باشلىدى.
 2002 - يىلى 29 ياشلىق ليۇ جاڭشياڭ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ چىلان يېزىسى نۇرباغ كەنتى 4 - گۇرۇپپىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانىدى. ليۇ جاڭشياڭ مەھەللىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ، بىللە يەر تېرىپ ياشىدى.
 ليۇ جاڭشياڭ كېۋەز تېرىشقا ماھىر ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 16 مو يېرىنى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇپ پەرۋىش قىلغاچقا، ھەر مو يەردىن 300 كىلوگىرام ئەتراپىدا پاختا ئالدى. شۇڭا ھەممەيلەن پات - پات ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن كېۋەز پەرۋىشىگە ئائىت ئىنچىكە ھالقىلارنى سورايدىغان، تېخنىكا ئىگىلەيدىغان بولدى.
  ليۇ جاڭشياڭنىڭ تېرىلغۇ يېرى كۆپەيگەچكە، كېتىدىغان يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىمۇ كۆپ ئىدى. شۇڭا ئۇ ھەر يىلى ئەتىيازدا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى كۆپرەك سېتىۋېلىپ قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەرگە ئۆز باھاسىدا تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، كەنتتىكى بەزى ئۇيغۇر دېھقانلارغا جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالغاندا ياردەم بەردى.
 2016 - يىلى 10 - ئايدا ليۇ جاڭشياڭنىڭ دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلدى. كەنتتىكىلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، مېيىتنى ئۇزىتىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئىشلارغا قارىشىپ بەردى. بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۇنىڭغا يەنە بىر كېلىشمەسلىك كەلدى. شۇ كۈنى كەچتە ليۇ جاڭشياڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالدىراش كېۋەز تېرىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز تىراكتوردىن كاشىلا چىقىپ تىراكتورنىڭ كاردىنى ئۇنىڭ ئىشتىنىنى ئېلىۋېلىپ پۇتىنى يۆگەپ ئەكىرىپ كەتتى. ليۇ جاڭشياڭ قاتتىق ۋارقىرىدى، ئۇنىڭ نالىسىنى ئاڭلىغان كەنت ساقچىلىرى، كادىرلار ۋە ئامما دەرھال يېتىپ كېلىپ، ئۇنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشتى ۋە كەنت ساقچىخانىسىنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن دەرھال ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 - خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى. ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا بەدىنىدە ئاران %30 قان قالغان بولۇپ، ھاياتى خەۋپتە قالغانىدى، شۇ كۈنى كېچىسى ليۇ جاڭشياڭ ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلىنىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قېلىندى، ئەمما سول پۇتى تىزىدىن كېسىۋېتىلدى.
 ليۇ جاڭشياڭنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەت كەنتتىكىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى، ھەممەيلەن خۇددى بىر تۇغقان قېرىندىشى تالاپەتكە ئۇچرىغاندەك بىئارام بولۇپ، ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە ئالدىرىدى. ليۇ جاڭشياڭ دوختۇرخانىدا داۋالانغان مەزگىلدە، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن چىلان يېزىسىنىڭ ئارىلىقى 80 كىلومېتىر بولسىمۇ كەنتتىكى يۇرتداشلار ئۇنى يوقلاپ باردى، تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال سورىدى.
 - مەن ھادىسىگە ئۇچرىغاندا ئاران ئون نەچچە مو يەردىكى كېۋىزىمنى تېرىپ بولغانىدىم، كېيىن كەنتتىكى 123 ئائىلىلىك قېرىندىشىم ئۆزىنىڭ كېۋەزلىرىنى تاشلاپ قويۇپ مېنىڭ كېۋەزلىرىمنى تېرىپ بەردى، ھەق ئالغىلى ئۇنىمىدى. ئۇلار بولمىغان بولسا كېۋىزىمنى تېرىپ ھوسۇل ئېلىشىم يوق گەپ بولاتتى.
 
 ليۇ جاڭشياڭ بۇ يىل 4 - ئاينىڭ بېشىدا 200 مىڭ يۈەن غەملەپ ھويلىسىدا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنى ئاچقانىدى. ئۇ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ماددىي ئەشيا لازىم بولغانلارغا توپ باھاسى بويىچە بەردى، كىرا ھەققىمۇ قوشمىدى.
 - ئۇلار مېنىڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالغان تۇرسا، مەن يەنە باھا قوشاتتىممۇ؟ ئاشۇنداق چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئالدىدا پۇل قانچىلىك نەرسە ئىدى؟ بۇ دۇكاننى ئاچقىنىم بىر ھېسابتا ياخشى بوپتىكەن، ئۇلار كەلسە كۆرۈشۈپ ھال - مۇڭ بولالايدىكەنمەن، ماڭا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە، - دېدى ليۇ جاڭشياڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى