قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى بۇ ئالتە خىل بەلگە سىزىقىنى چوقۇم بىلىۋېلىڭ

2017-11-14 15:44:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. تەۋرىنىش سىزىقى
 يۈرۈش يولىدىكى ئاق رەڭلىك ئويمان-دۆڭ بەلگە سىزىقى تەۋرىنىش سىزىقى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، شوپۇرلارغا ئالدى تەرەپتە ئايلانما، يانتۇ يول بۆلىكى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. تاق سېرىق سىزىق يۈرۈش يولىنى ئايرىش سىزىقى بولۇپ، بۇ سىزىقتىن ھالقىپ ئاپتوموبىل يانداشقا بولمايدۇ.
2. ئاپتوموبىل يولى ئايرىش سىزىقى
  ئاق رەڭلىك تۇتاش سىزىق بولسا ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىنى بۆلۈش سىزىقى بولۇپ، ھالقىپ ئۆتۈپ ئاپتوموبىل يانداشقا بولمايدۇ. تونېل ئىچىدە ئاپتوموبىل يانداشقا بولمىغاچقا، ئوتتۇرىدىكى سىزىق تۇتاش سىزىق بولىدۇ. ئەگەر تونېل بولمىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولسا، ئوتتۇرىدىكى سىزىق ئۈزۈك سىزىق بولىدۇ. تونېل ئىچىدە ئوتتۇرىدىكى بۇ تۇتاش سىزىقنى ھالقىپ ئۆتكەنلەرگە 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 3 نومۇر تارتىلىدۇ، ھەتتا بۇ سىزىقنى دەسسەشكىمۇ بولمايدۇ.
3. باشلاش سىزىقى
ئاساسلىقى بىر ياكى بىر نەچچە يول ئېغىزىدىكى يەر شەكلىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن V شەكىللىك ياكى يانتۇ سىزىق سىزىلغان دائىرە بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ چوقۇم بەلگىلەنگەن يول بويىچە يۈرۈشى لازىملىقىنى، سىزىقنى دەسسەشكە ياكى ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە ھەددىدىن زىيادە كەڭ، تەرتىپسىز ياكى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولغان ئاچا يول ئېغىزى، چىقىش ئېغىزى ۋە ياكى باشقا ئالاھىدە ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
4. سۈرئەت ئاستىلىتىش بەلگە سىزىقى
ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ مەيدانى، چىقىش ئېغىزى ۋە ياكى ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش تەلەپ قىلىنىدىغان يول بۆلەكلىرىدىكى ئاق رەڭلىك ئۈزۈك سىزىقنى كۆرسىتىدۇ. تاق ئۈزۈك سىزىق، قوش ئۈزۈك سىزىق ۋە ئۈچ ئۈزۈك سىزىق شەكىللىرىدە بولىدۇ. يۈرۈش يۆنىلىشىگە تىك بولۇپ، ئالدى تەرەپتە سۈرئەتنى ئاستىلىتىش لازىملىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
5. ئاپتوموبىل ئارىلىقىنى بەلگىلەش سىزىقى
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ئاپتوموبىل ئارىلىقىنى بەلگىلەش سىزىقى ئاق رەڭلىك پاراللېل توم تۇتاش سىزىق بولۇپ، ئاپتوموبىل ئارىلىقىنى بەلگىلەش بەلگىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە دائىم ماشىنا ياندايدىغان، ئاسان ۋەقە چىقىدىغان ۋە ياكى باشقا ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا سىزىلىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا بۇ بەلگە سىزىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئالدى تەرەپتىكى ئاپتوموبىل بىلەن بىخەتەر ئارىلىق قالدۇرۇپ يول يۈرۈش كېرەك.
6. خاتا كۆرۈش سەزگۈسى سىزىقى
تونېل يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ئالاھىدە يول بۆلىكى بولۇپ، ئۆڭكۈر ئىچىدىكى يورۇقلۇق دەرىجىسى سىرت بىلەن پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، ئاپتوموبىللار تونېلغا كىرگەندىن كېيىن، «قارا ئۆڭكۈر» ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئاپتوموبىل سۈرئىتى ھەددىدىن زىيادە تېز بولغاندا، ئاپتوموبىل ناھايىتى ئاسانلا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ئارقىدىن سوقۇلۇش ۋەقەسى كېلىپ چىقىدۇ. «خاتا كۆرۈش سەزگۈسى سىزىقى» ئادەتتە تونېل سىرتىدىكى 200 مېتىردىن تونېل ئىچىدىكى 100 مېتىرغىچە بولغان دائىرىگە سىزىلىدىغان بولۇپ، شوپۇرلاردا بوشلۇق پرىسلانغان تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، يۈرۈش يۆنىلىشى بويىچە ئاپتوموبىل يولىغا قارىغاندا، يول كەڭلىكتىن تارىيىپ، خۇددى يول ئويمان بولۇۋاتقاندەك خاتا كۆرۈش سەزگۈسى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شوپۇرلار تونېلغا كىرىشتىن بۇرۇن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، مەلۇم دەرىجىدە بىخەتەرلىك قوشۇمچە رولىنى ئوينايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى