قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى «شىيەنپىڭ»، «شۆسەيتۇڭ» قاتارلىق 39 تۈرلۈك دورىلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى

2017-11-14 15:50:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان «داۋالاش ئاپپاراتلىرى نۇقتىلىق نازارەت قىلىدىغان دورا بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىشقا ئائىت ئۇقتۇرۇش»تا «شىيەنپىڭ»، «شۆسەيتۇڭ» قاتارلىق 39 تۈرلۈك دورا نۇقتىلىق نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا ئېلان قىلىنغان نۇقتىلىق نازارەت قىلىنىدىغان دورا بۇيۇملىرى مۇندەرىجىسىدىن قارىغاندا، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭيى دورىسى ئوكۇللىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭيى دورىلىرىغا تەۋە چوڭ تۈردىكى دورىلارمۇ باركەن. بولۇپمۇ ئۆسمە كېسەللىكلىرى، يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى دورىلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە نۇقتىلىق دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ خىزمەتتە ئاساسلىقى دورىنى توغرا ئىشلەتمەسلىك، قىممەت دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىقلار نۇقتىلىق تۈزىلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى