قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 شىنجاڭدىكى تۇنجى مال ساتقۇچىسى يوق تاللا بازىرى ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيمىگو رايونى يەنچېڭ مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىجادىيەت باغچە رايونىدا رەسمىي تىجارەت باشلىدى

2017-11-14 15:50:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭدىكى تۇنجى مال ساتقۇچىسى يوق تاللا بازىرى ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيمىگو رايونى يەنچېڭ مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىجادىيەت باغچە رايونىدا رەسمىي تىجارەت باشلىدى. بۇ تاللا بازىرىدا 24 سائەت خىزمەتچى خادىم بولمايدۇ، 800 خىلدىن كۆپرەك مەھسۇلاتنى خېرىدارلار ئۆز ئالدىغا تاللاپ سېتىۋالىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تاللا بازىرىدا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ماللاردىن باشقا يەنە توك پۇلى، تېلېفۇن پۇلى، ئاممىۋى ئابتۇبۇس كارتىسىغا پۇل قاچىلاش قاتارلىق تۈرلۈك ھەق تاپشۇرۇش مۇلازىمەتلىرىنى بېجىرىشكىمۇ بولىدىكەن. تونۇشتۇرۇلىشىچە، مال ساتقۇچىسى يوق تاللا بازىرىدا مال سېتىۋېلىش: كودنى سىكاننىرلاپ بازارغا كىرىش، تاۋار تاللاش، ئاپتوماتىك پۇل تاپشۇرۇش، مال سېتىۋېلىش تالۇنىنى دەلىللەشتىن ئۆتكۈزۈپ بازاردىن چىقىشتىن ئىبارەت 4 باسقۇچقا بۆلىنىدىكەن. تولۇق ئىقتىدارلاشقان تاۋار پەرىقلەندۈرۈش سىنزۇرى ھەمدە ئىقتىدارلاشقان ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش پەرىقلەندۈرۈش سىستېمىسى بار بولۇپ، خىرىدارلار پۇل تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سىستېما ئاپتوماتىك پەرىقلەندۈرۈپ، دەرۋازىنى ئىچىپ بېرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى