قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «بىخەتەرلىك تەربىيىسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمگە سەل قارىماڭ

2017-11-14 15:53:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«بىخەتەرلىك» دېگەن بۇ سۆز بىر كىشىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلكىنىڭ خەۋپسىزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خەۋپنى ئويلىسا كىشىنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ، چۈنكى ئاپەتنىڭ كىشىنىڭ مال-مۈلكى، ئەڭ مۇھىمى ھاياتىغا ئېلىپ كېلىدىغان خېيىم-خەتىرىنىڭ بەكلا چوڭ ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. پەرزەنتلىرىمىزگە ئەنە شۇنداق ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى تەربىيىنى كىچىكىدىن باشلاپ سىڭدۈرۈش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش تەرتىپىنى ئۆگىتىش ئۇلارنىڭ جىددى ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
يېقىندا ئىچكىرىدە يۈز بەرگەن بىر ئىش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. توققۇز ياشلىق بىر قىز ئۆيگە ئوت كەتكەندە ھۆل يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن جېنى ئامان قالغان. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكى خادىملار ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، بۇ چارىنى قانداق ئويلاپ تاپقانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ بۇ ئۇسۇلنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆگەتكەنلىكىنى ۋە مەكتەپتە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەندە بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باققانلىقىنى ئېيتقان. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلاردا بىخەتەرلىك تەربىيىسى تەشۋىق قىلىنىپ كەلدى. مائارىپ ساھەسىنى مىسالغا ئالساق، ئەگەر سىز ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن: «ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى، ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىدىنمۇ مۇھىم ئىش نېمە؟» دەپ سورىسىڭىز، كۆپ ساندىكى مەكتەپ مۇدىرى سىزگە چۇقۇم «بىخەتەرلىك» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. دېمەك، مەكتەپلەرمۇ ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، شۇڭا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە بىخەتەرلىك تەربىيىسى توغرىسىدا لېكسىيەلەرنى ۋە مانېۋىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگىتىشى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى