قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 قانداق قىلغاندا بىخەتەرلىك تەربىيىسىدىن ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

2017-11-14 15:53:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەسىلەن: بەزى ئورۇنلاردا، بەزى مەكتەپلەردە بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش دەپ قاراپ، كىشىلەرگە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا نوقۇل ھالدا ئوت كەتكەندە، ساقچىغا مەلۇم قىلىشتا، تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالغاندا قايسى نومۇرغا تېلېفون بېرىش دېگەنگە ئوخشاش ساۋات خاراكتېرلىك لىكسىيە، يەنە شۇنداقلا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش لېكسىيىسى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش لېكسىيىسى، ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۆزلەش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىخەتەرلىك تەربىيىسى نەزەرىيىۋى جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىشنى بىلىشتە. چۈنكى سىز تېلېفون نومۇرلىرىنى بىلگەن بىلەن شۇ ئەھۋالغا يولۇققاندا قولىڭىزدا يان تېلېفون بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشتۇقمۇ دەيلى، ئۇلار كەلگۈچە يەنە قانداق قىلىش كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش ئەمەلىي مەشغۇلاتلارنىمۇ قول سېلىپ ئىشلىتىش كېرەك.
ئۆيگە ئوت كەتكەندە قانداق قىلىسىز؟ دېگەن سوئالغا يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
-ئۆيگە ئوت كېتىپ قالساق قانداق قىلىسىز ؟
-ئۇقمايمەن، دەپ جاۋاب بەردى بىر قىز ئوقۇغۇچى.
- ئۇقمايمەن دەيسىزغۇ، قېچىپ چىقىشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟
- ئىشىك تاقاق تۇرسا، ئادەتتە ئۆيدە قالساق ئاتا- ئانىمىز ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ.
- ئاچقۇچ بارمۇ؟ ئېچىشنى بىلەمسىز؟
- ئېچىشنى بىلىمەن، ئەمما ئۆيدىكى كىيىم بىلەنلا يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتەمدىم؟
بۇ قىز ئوقۇغۇچى بىزگە بىزدىنمۇ جىق سوئال ياغدۇرۋەتتى. يەنە بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقايلى:
-ئۆيگە تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟
-ئۆزۈم كۆتۈرەلەيدىغان نەرسە بىلەن ئۈستىگە سۇ قۇيىمەن. ئۇمۇ بولمىسا يوتقاننى ھۆلدەپ ئاندىن ئۈستۈمگە ياپىمەن.
-ئۇمۇ ئاقمىسىچۇ؟
- ئوت ئۆچۈرگۈچىلەردىن ياردەم سورايمەن.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن:
- ئوت كەتكەندە قانداق قىلىشنى بىلەمسىز؟- دەپ سورالغاندا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
- قازانغا ئوت كەتكەندە تۇۋاقنى يېپىپ ئۆچۈرۈشنى بىلىمەن. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ئوت كەتكەندە سۇ قۇيسام تېخىمۇ خەتەرلىك، يەنە كېلىپ ئۆيدە ئوت ئۆچۈرگۈچى يوق، شۇڭا قېچىپ چىقىپ كېتىمەن.
 
@ ئوقۇتقۇچى بىلەن ئاتا- ئانا ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر ۋاقىت ئايرىلمايمەن دېيەلمەيدۇ. «بالا-قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلىتىپ» دېگەندەك، ناۋادا ئوقۇغۇچىلار ئۆزى يالغۇز چاغدا ئوت كېتىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى قانچىلىكتۇ؟! ئۇلار ئۆز-ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالارمۇ؟! «ئوت كەتكەندە قانداق قىلىسىز؟» دېگەن بۇ سوئالغا بالىلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى بىزگە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى بارا- بارا يېتىلدۈرۈش، ئاپەت يۈز بەرگەندە قېچىپ قۇتۇلۇش، ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش، ئۆز-ئارا قۇتقۇزۇش جەھەتتىكى ئاساسىي ئۇسۇلنى ئىگىلىشىنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيىسىنىڭ نېگىزى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى.
يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى يېنىكلىتىشكە ئالاقىدار تەربىيىنى مىسالغا ئالساق، مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا دائىم جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش مانېۋىرى قىلىنسا، يەر تەۋرىگەندە ئۆزىنى قانداق قاچۇرۇش كېرەكلىكى، قانداق ھالەتتە چېكىنىش كېرەكلىكى چۈشەندۈرۈلسە، قۇتۇلۇش يوللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ھەر بىر ئوقۇغۇچى بۇ يوللارنى پۇختا ئىگىلىسە، ئوقۇغۇچىلار يەر تەۋرىگەن چاغدىكى جاننى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى ئىگىلىيەلەيدۇ. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە قانداق جىددىي تەدبىر قوللىنىش، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەر قۇتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن قانداق قىلىشىنى ئەمەلىي مەشغۇلات بىلەن ئۆگىتىش زۆرۈردۇر.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا كېلىۋاتقان خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىلىش- بىخەتەرلىك تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەقسىتى. ھازىر بىخەتەرلىك تەربىيىسى بېرىشنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنىمۇ ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىۋاتىدۇ ۋە يېڭىلىق يارىتىلىۋاتىدۇ. مەكتەپلەردە بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى يەتكۈزۈشتە تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك توغرىسىدىكى بىلىملىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. مەسىلەن: تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىش، بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىنى ئوقۇپ بېرىش ئىقتىدارى بار ئوقۇش قوراللىرى تارقىتىش، مەكتەپ ئىچىدە كۆرگەزمە تاختىسىغا قويۇش، دېلو مىسالى ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش، مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىققاق، چاققان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمە تاختىسى ياساش، قىسقا سىن فىلىمى قويۇش ئارقىلىق بىخەتەرلىك تەربىيىسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرساق بولىدۇ.
يەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، بىخەتەرلىك تەربىيىسى پەقەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭلا ئىش ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشمۇ ئوخشاشلا كەم بولسا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى بىخەتەرلىك تەربىيىسىدە نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان نۇقتا. ھازىر ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارمۇ يوق ئەمەس. بىخەتەرلىك تەربىيىسى ياخشى ئىشلەنسە، ئادەمنىڭ ھاياتىنى خەۋپتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. شۇڭا بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى چۇقۇم خەتەر ۋە ئاپەتتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىش كېرەك. ناۋادا بارلىق ئوقۇغۇچىلار خەتەر ياكى ئاپەت يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدىدا ياخشى بولغان بىخەتەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولسا، خەۋپتىن جىددىي ساقلىنىش، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرەلىسە، كېلىۋاتقان خېيىم- خەتەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى