قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇخۇم شاكىلىنىڭ رولى

2017-11-14 15:56:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۆي جاھازىرلىرىنى سۈرتۈشتە رولى چوڭ: يېڭى تۇخۇم شاكىلىنى يىلمان سۇغا چىلاپ يۇيۇپ، چىققان سۇ بىلەن  ئەينەك ياكى باشقا ئۆي جاھازىلرىنى سۈرتسە، پاكىز تازىلىغىلى بولۇپلا قالماي يەنە پارقىراقلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
  چايداننىڭ ئىچىنى تازىلاشتا سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ: چايداننىڭ ئىچى دۇغلىشىپ قالغاندا، بىر سىقىم تۇخۇم شاكىلى تالقىنىنى چايدانغا سېلىپ، ئۈستىگە بىر ئاز  يىلمان سۇ قۇيغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپكە چايقىساق، دۇغلارنى پاكىز تازىلىغىلى بولىدۇ.
چۆگۈندىكى سۇ دۇغلىرىنى چىقىرىشتىكى ئۈنىمىمۇ قالتىس: ئادەتتە ئائىلىلەردە سۇ قاينىتىدىغان چۆگۈنلەرگە قېلىن بىر قەۋەت سۇ دۇغى ئورناپ قالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ دۇغلار قاتىدىغان بولغاچقا چىقىرىشمۇ تەسكە توختايدۇ. بۇنداق چاغدا ئىچىگە مۇۋاپىق مىقتاردىكى تۇخۇم شاكىلىنى سېلىپ سۇ قويۇپ، ئوتتا بىر ئاز ۋاقىت قاينىتىۋەتسەكلا، بۇ داغلارمۇ پاك-پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.
ئەينەك پوتۇلكىلارنى يۇيۇشتا ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ: مايلىشىپ قالغان، باش تەرىپى ئىنچىكىرەك كەلگەن ئەينەك پوتۇلكىلارنى  تازىلىغاندا بوتۇلكىغا ئازراق تۇخۇم شاكىلى تالقىنىنى سالغاندىن كېيىن ئۈستىگە لىق سۇ قويۇپ  1-2 كۈن قويۇپ قويىمىز. ئارىلىقتا بىر نەچچە قېتىم چايقاپ قويساقلا، ماي داغلىرى ئۈزلۈكىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئەگەر  بوتۇلكا ئانچە مايلىشىپ كەتمىگەن بولسا، ئىچىگە ئازراق سوققان تۇخۇم شاكىلىنى سېلىپ، يېرىمىغىچە سۇ قۇياغاندىن كېيىن بارمىقىمىز بىلەن بوتۇلكا ئازغىنى بېسىپ تۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم سىلكىپ چايقىساقلا، بوتۇلكا پاكىزلىنىدۇ.
توخۇم شاكىلىنى ۋارونكا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ: ماينى بوتۇلكىغا قاچىلىماقچى بولۇپ، دەماللىققا ۋارونكا تاپالمىغاندا تۇخۇم شاكىلىنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، ماي قويىدىغان تەرىپىنى چوڭراق، ماي چۈشىدىغان تەرىپىنى كىچىكرەك قىلىپ تۈشۈك ئاچساقلا، تۇخۇم شاكىلىنى راۋونكا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
سەنئەت بويۇمى ياساشتىكى رولىغۇمۇ سەل قارىماڭ: دەز كەتمىگەن، ئىچى قۇرۇق تۇخۇم شاكىلىنى رەڭلىك بوياق بىلەن ھەر خىل  رەڭ ۋە شەكىللەردە بويىساق، ئۇ بىر سەنئەت بويۇمىغان ئايلىنىدۇ.
يۈز تېرىڭىزنى ئاسىرماقچى بولسىڭىز توخۇم شاكىلىدىن پايدىلىنىپ بېقىڭ. تۇخۇم شاكىلىغا يېپىشىپ تۇرىدىغان ئىچكى ئاق پەردىسىنى مۇۋاپىق مىقتاردا  يىغىپ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق ھەسەل ۋە ئېھتىياجىغا يارىشا سۈتنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئوماچ ھالىتىگە  كەلتۈرۈپ، كەچتە يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يۈزگە سۈرۈپ، بىر دەم تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇز يۇيۇۋېتىشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، يۈز تېرىسىنى يۇمراق ۋە سىلىق قىلىدۇ.
ياللۇغنى قايتۇرۇپ ئاغرىقنى پەسەيتشتىمۇ ئۈنۈمى زور: تۇخۇم شاكىلىنى تۈزلەپ جاراھەتنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تاڭسا، جاراھەتنى داۋالاش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇپ رولىنى ئوينايدۇ.
بەزىلەر كۆيۈكنى داۋالاشتا توخۇم شاكىلىدىن پايدىلىنىدۇ: تۇخۇم شاكىلىنىڭ ئىچىدە بىر قەۋەت نېپىز پەردە بار بولۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم يېرى كۆيۈپ قالغاندا، تۇخۇمنى يېنىك ئۇرۇپ چېقىپ، ئىچىدىكى نېپىز پەردىنى چىقىرىۋېلىپ، كۆيۈكنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ قويسا، ئاغرىق توختىتىپلا قالماي يەنە كۆيگەن ئورۇنغا مەنپەئەت قىلىدۇ. تۇخۇم شاكىلىدىن پايدىلىنىپ چۆمۈلە يوقاتقىلى بولىدۇ. تۇخۇم شاكىلىنى ئوت بىلەن بەكرەك كۆيدۈرۈپ، ھاۋانچىدا سوقۇپ تالقانلاپ، تام تۈۋى، بۇلۇڭ- پۇچقاقلارغا سېپىپ قويسا، چۆمىلىلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى