قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىلان

2017-11-14 15:57:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چىلاندا ئاقسىل، ماي، قەنت، كاروتېن، ۋىتامىن B، ۋىتامىن P ۋە كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولىدۇ. بولۇپمۇ چىلاندىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى يەل- يېمىشلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغاچقا، ئۇ «ۋىتامىن شاھى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، داۋاملىق چىلان ئىستېمال قىلىدىغان بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، پەقەت ۋىتامىنلارنىلا ئىستېمال قىلىدىغان بىمارلارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە تېز بولىدىكەن. دۈملەنگەن چىلان تېخمۇ ئاسان ھەزىم بولغاچقا، ئۇ تال ۋە ئاشقازىنى زەئىپلەشكەن كىشىلەرگە تېخمۇ مۇۋاپىق كېلىدىكەن. ماغدۇرسىز، جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان كىشلەر چىلاننى ئالقات ۋە تۇخۇم بىلەن قوشۇپ دۈملەپ پىشۇرۇپ يېسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدىكەن، ئادەتتىكى كىشىلەر چىلان ۋە پىچەكگۈلنى بىرلىكتە دۈملەپ ئىستېمال قىلسا بولىدىكەن. يېرىم توغرالغان چىلان ۋە ئۇششاق توغرالغان پىچەكگۈلگە ئازراق سوغۇق سۇ قۇيۇپ دۈملەپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن سۇس ئوتتا يەنە 20 مىنۇت دۈملەپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى