قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئىقتىساد كارىدورى» بەرپا قىلىش

2017-11-18 19:12:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

− لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە پويىز قاتنىغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

11- ئاينىڭ 16- كۈنى D8802 قېتىملىق پويىزنىڭ كۈتكۈچىلىرى يولۇچىلارغا تورت سوۋغا قىلىپ، خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىلەندى. (مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۈ فوتوسى)

  11- ئاينىڭ 16- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9دىن 43مىنۇت ئۆتكەندە D8802 قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن چىقىپ، قومۇلغا يۈرۈپ كەتتى.

  ئۈچ يىل بۇرۇنقى شۇ كۈنى، لەنجۇ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى بولغان ئۈرۈمچى- قومۇل لىنىيەسىدە رەسمىي پويىز قاتناپ، شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى، شۇنىڭدىن تارتىپ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان ئەسلىدىكى بەش سائەت ۋاقىت ھازىر ئۈچ سائەتكە قىسقاردى، ئىككى جاي ئارىسىدا بىر كۈندە بېرىپ- كېلەلەيدىغان ھالەت شەكىللەندۈرۈلدى. 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سەھەردە، 71 ياشلىق يولۇچى جاڭ چاڭلىڭ خوتۇنى بىلەن بىللە ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ كۈتۈش زالىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئۈچ يىل ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋېلىپ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىغا شاھىت بولغانىدى. شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا پويىز قاتنىغانلىقىغا ئۈچ يول بولغان بۈگۈنكى كۈندە جاڭ چاڭلىڭ پويىزغا يەنە بىر قېتىم ئولتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش ئىشلىرىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدى.

  بۇ، جاڭ چاڭلىڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا تۇنجى قېتىم ئولتۇرۇشى بولمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا ھاياجىنىنى باسالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈچ يىل ئىچىدە شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىپتۇ، بۇ تەرەققىياتلارنى خاتىرىلەپ قويىمەن.

  لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1776 كىلومېتىر، لايىھەدىكى ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ، دۇنيادىكى قۇرۇلۇش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ھېسابلىنىدۇ. لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئۈرۈمچى - قومۇل بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 530 كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، شىنجاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى تۇتاشتۇردى، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز گۇرۇپپىلىرى تېز سۈرئەتلىك قاتناش تورىنى ھاسىل قىلىپ، ئۈرۈمچى مەركەز قىلىنغان بىر سائەت، ئىككى سائەت، ئۈچ سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكى، تۇرمۇش چەمبىرىكى، ئىقتىساد چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈردى.

  تۆمۈريولنىڭ تەرەققىياتىمۇ تۆمۈريول بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچىلار پويىزىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، فۇنكسىيەسىنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بىۋاسىتە بارىدىغان ئالاھىدە تېز پويىز، شەھەرلەر ئارا پويىز، ئالاھىدە تېز پويىز، تېز پويىز، ئادەتتىكى تېز پويىز قاتارلىقلار رامكا قىلىنغان ئاممىۋىلاشقان، كۆلەملەشكەن، كۆجۈملەشكەن قاتناش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت يولۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان قاتلامدىكى پويىزغا ئولتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى يولغا سالغان پويىز ئەڭ دەسلەپكى 6.5 جۈپتىن 23.5 جۈپكە كۆپىيىپ، توشۇغان يولۇچى 11 مىليون 600 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى. يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزلار يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى جانلاندۇرىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى