قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۈگۈنكى باياشات نىيەگە نەزەر

2017-11-19 22:27:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

  نىيە ناھىيەسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تۈجۈپىلەپ يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە كۈچ قوشتى. سۈرەتتە: بىر دېھقان نىيە يېڭى كەنتىدىكى چوڭ پارنىكتا كۆكتات ئۈزمەكتە. (3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تارتىلغان، شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى)

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن يېقىندا مۇنداق خۇش خەۋەر كەلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، تولى ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. بۇ بەش ناھىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرى بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنىڭ سانىنى ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىلمىي پىلان تۈزۈپ، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، دەل جايىدا ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىپ، نامراتلىق قالپىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چۆرۈپ تاشلىدى.

  نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش بىلەنلا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، بېيىش كېرەك. بۇ بەش ناھىيە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن تەرتىپلىك قۇتۇلۇشىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. گېزىتىمىزدە بۈگۈندىن باشلاپ بۇ بەش ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش جەھەتتىكى ئىش - ئىزلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى «چوڭ ئىمتىھان»دا نىيە ناھىيەسىنىڭ جاۋابى مۇنداق بولدى: 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 3924 ئائىلىدىكى 12 مىڭ 849 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامرات ئائىلىدىن 88ى نامرات كىشىدىن 246سى قالدى، نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى %1كە چۈشۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.خوتەن ۋىلايىتى بويىچە يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، نوپۇسى ئەڭ ئاز، ئاھالىسى ئەڭ تارقاق ئولتۇراقلاشقان، كىلىماتى ئەڭ قۇرغاق بۇ ناھىيە قانداق قىلىپ نامراتلىق قالپىقىنى ئەڭ بالدۇر چۆرۈپ تاشلىيالىدى؟

  قاتلام ۋە تۈرلەرگە بۆلۈپ، نىشانلىق تەدبىر قوللىنىلدى

  نىيە ناھىيەسى دۆلەتنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە. 2013 - يىلى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق 23 نامرات كەنت بارلىقى بېكىتىلىپ، 4012 نامرات ئائىلىدىكى 13 مىڭ 95 نامراتقا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا تەشكىلىي رەھبەرلىك جايىدا بولۇشى كېرەك. بۇ ناھىيە ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى، ھاكىم «قوش گۇرۇپپا باشلىقى» بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشخانىسى تەسىس قىلدى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەت ئەترىتىدىن يەتتىنى تەشكىللەپ، كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە ياردەم بەردى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش كېرەك. بۇ ناھىيە نىشاننى دەل توغرىلاپ، يېزىلاردىكى نوپۇسنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ھەربىر ئائىلە ۋە ھەربىر كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قاتناشتۇرۇش كېرەك. بۇ ناھىيە نامراتلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش، ساھەلەر بويىچە يۆلەش، جەمئىيەت يۆلەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقانلار يۆلەشتىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدە» يۆلەش خىزمىتى ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نازارەت، ئىدارىلەر بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئالاقىلىشىپ، ياڭ لىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، غەربىي شىمال دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى بىلەن رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەش، تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلاشتى؛ 2016 - يىلى جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇشى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار بۇ ناھىيەگە 15 مىليون 380 مىڭ يۈەن يۆلەش مەبلىغى سالدى؛ ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، 7 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ، نامرات نوپۇسلارنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتى...

  قاتلام ۋە تۈرلەرگە بۆلۈپ، نىشانلىق تەدبىر قوللىنىلىپ، مەسئۇلىيەت قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەچكە، بۇ ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  خاسلىق ئاساس قىلىنىپ، تەدبىرلەر دەل جايىدا قوللىنىلدى

  نىيە ناھىيەسى ئەۋزەل، خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئالاھىدە تېرىقچىلىقنى كۈچەيتىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكنى تۈجۈپىلەپ يولغا قويۇپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى ياخشى جانلاندۇردى... كەسىپ ئارقىلىق يۆلەشتە چىڭ تۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈپ چىقىش يولى قىلدى. ھازىر بۇ ناھىيەدە باغۋەنچىلىك كۆلىمى 100 مىڭ مودىن ئاشتى، يېڭىدىن يەتتە باقمىچىلىق رايونى قۇرۇلدى، ئالاھىدە تېرىقچىلىق كۆلىمى 50 مىڭ مودىن ئاشتى، مۇقىم كۆچەت پارنىكىدىن 340ى، ئەگمە پارنىكتىن 1196سى ياسالدى؛ 8000 ئائىلىنىڭ ھويلىسى تۈزەشتۈرۈلۈپ، جانلاندۇرۇلغان ھويلا - ئاران كۆلىمى 11 مىڭ موغا يەتتى.

  ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2 -، 3 - كەسىپ، ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشنى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇردى. 2016 - يىلى بۇ ناھىيەدە 6042 ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش ئارقىلىق 26 مىليون 952 مىڭ 600 يۈەن كىرىم قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2483 نامرات نوپۇس(قېتىم) كىشى بېشىغا 25.1066 يۈەن كىرىم قىلدى. «ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش بازىسى» قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ئامما ئۆزى خالاش، پائال، مۇقىم بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ئېگىز، سوغۇق تاغلىق رايون، قۇملۇق قاتارلىق ياشاشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان جايلاردا ئولتۇراقلاشقان 336 ئائىلىدىكى 992 كىشى كۆچۈرۈلۈپ يۆلەندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەم يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ كۆچەلەيدىغان، مۇقىملىشالايدىغان، تەرەققىي قىلالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئىجتىمائىي كاپالەت زۆرۈر تەدبىرگە ئايلاندى، بۇ ناھىيە تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى. ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى ئەمگەك ئىقتىدارى يوق 1982 كىشىنى داۋالىنىش ياردىمى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلدى.

  مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ماھىيەتتىن تۈزەش چارىسىگە ئايلاندى. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەچكە، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش يېشىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوقۇش نىسبىتى، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى %100كە يەتتى. 1 مىليون 839 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىلىپ، 1241 كىشىگە ياردەم بېرىلدى.

  پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. نامرات ئائىلىلەرگە ئاز سوممىلىق قەرز بېرىدىغان «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» ئېتىبار سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ تولۇقلىمىسى تەسىس قىلىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئائىلىلەرنى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن قوللىدى.

  مېخانىزم يېڭىلىنىپ، ئۇزاق ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىندى

  بۇ ناھىيە يۆلەش جەھەتتىكى ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەزگىلىدە نامرات ئائىلىلەرنى يۆلەش سىياسىتى ۋە يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئۆزگەرتمەي، ئۇنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغان ئوبيېكتلارغا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلدى.

  «ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئورمانچىلىقنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، سانائەتنى ئىلگىرى سۈرۈش»تەك تەرەققىيات تەپەككۇرىدا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئەندىر قوغۇنى، قاراقۇرۇم گۈل چېيى، يۇلغۇن توشقانزەدىكىنى ئاساس قىلغان خاس تېرىقچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. 2017 - يىلى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 10 مىڭ 220 يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى.

  نىيە ناھىيەسىنىڭ قاتناش جەھەتتىكى رايون ئەۋزەللىكى ۋە نىيە مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت خاس ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە نىيە مەدەنىيىتى ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ، ئاشۇرما قىممەتنى ئۆستۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

  «نىيە ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك كاپالەت مېخانىزمى»نى ئورنىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ياردىمىنى توختاتماسلىق، سىياسىتىنى بوشاشتۇرماسلىق، تۈرلىرىنى تاشلاپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى