قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلىدۇ

2017-11-20 16:28:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

857 مىڭ 200 ئوقۇغۇچى نەپكە ئېرىشىدۇ

مۇخبىرىمىز جاۋ شىيانىڭ 11- ئاينىڭ 18- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇش چارىسى» يېقىندا رەسمىي چىقىرىلغان، ئاپتونوم رايونىمىزدا 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلىدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 857 مىڭ 200 ئوقۇغۇچى بۇ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشىدىكەن.

  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى، شۇنداقلا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى، بۇ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا مائارىپنىڭ ئادىل ۋە تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇش ھەم ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، ھەم پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇش تارىخى مائارىپىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا قارىتىلىدىكەن. بۇ كونكرېت ئېيتقاندا ئوقۇش پۇلىنى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى، مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش («ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم»)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، پۇقراۋى مەكتەپلەرگە ئۆز جايىدىكى ئوخشاش تۈردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەقسىز مائارىپ ئۆلچىمى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردە ھەقسىز مائارىپ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈستىگە ئالىدىكەن؛ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردە ھەقسىز مائارىپ ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىرىگە پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئۆلچىمى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىللىق كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئوقۇش پۇلى بىردەك 1200 يۈەن؛ يىللىق كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئوقۇش ماتېرىياللىرى ھەققى بىردەك 670 يۈەن بولىدىكەن؛ كەچۈرۈم قىلىنىدىغان مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇش ھەققى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدىغان مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇشنى باشقۇرۇش ۋە مەشغۇلات تەننەرخى بولىدىكەن؛ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىللىق ئوقۇش ياردەم پۇلى بىردەك 2000 يۈەن بولىدىكەن. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىللىق كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئوقۇش ھەققى بىردەك 2000 يۈەن؛ يىللىق كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئوقۇش ماتېرىياللىرى ھەققى بىردەك 300 يۈەن؛ كەچۈرۈم قىلىنىدىغان مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇش ھەققى بىردەك 600 يۈەن؛ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىللىق ئوقۇش ياردەم پۇلى بىردەك 2000 يۈەن بولىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار بۇ زور مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس تەكشۈرۈش- نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون جايلاردىكى مەكتەپلەردىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتىگە ئالاقىدار تەشۋىقات ۋە تۈرلۈك مالىيە ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جامائەتنىڭ بىلىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقى سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون مائارىپ مەبلىغى سېلىنمىسىنى يېزىلارغا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرغان. ئاپتونوم رايون ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەت ئاساسىدا، مەبلەغنى بىرلەشتۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇپ، زاپاس مالىيە كۈچىنى جانلاندۇرۇپ، ئېشىش مىقدارىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىدىكەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى