قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاردىن كېينكى گۈزەل قاناس

2017-11-21 20:31:57     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

16-نويابىردىن باشلاپ ئۇدا ئىككى كۈن ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ قىش پەسلى يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى، قاناس ساياھەت مەنزىرە رايونىمۇ ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىردى.

16 -نويابىر، قاناستا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ℃3 ~ ℃2- قىچە بولدى.

ئەزىم ئېقىۋاتقان دەريادىن ھور كۆتۈرۈلەتتى، دەريا يېنىدىكى قار ئاستىدا قالغان تاشلار يىراقتىن «قار گۈمبىمەدەك»تەك كۆرۈنەتتى. ئەتراپقا يەنە سىنچىلاپ نەزەر تاشلىسىڭىز، قاناس قىشنى كۈتۈۋېلىشقا تولۇق تەييارلانمىغاندەك، تەبىئەت كۈز جىلۋىسىنى يوقاتماي تۇرۇپ ئۇچىسىغا قىشلىق تون ئارتقاندەك قىلاتتى.

قاناسنىڭ قىش پەسلى ئالتە ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى ئۆكتەبىر ئايلىرىدا ئالتۇن كۈز جىلۋە قىلغان گۈزەل تەبىئەت ئاپئاق قار بىلەن ئورىنىپ، تەبىئەتتىكى رەڭلەرنىڭ قانۇنىيەتلىك ئۆزگىرىشى پەسىللەرنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىشىغا شاھىد بولىدۇ.

(تەڭرىتاغ تورى، شاۋ لى، ليۇ جيا فوتوسى)

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى