ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2017-11-21 21:42:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20- نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىسلاھاتتا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات يەنىلا زور ئىستىقبالغا ئىگە. جايلار، تارماقلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ئىسلاھات روھى، ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىسلاھات تەلىپىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرلىكتە ئىزدىنىپ، سىجىل كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  لى كېچياڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «نامرات كەنتلەرگە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى»، «كۆللەردە كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېزا ئۆيلۈك يېرى تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا يوليورۇق سوراش دوكلاتى»، «ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشلىتىشتىكى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپىنىڭ ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى»، «قانۇن چىقىرىش داۋامىدا چېتىلىدىغان زور مەنپەئەتنى تەڭشەش، دەلىللەش ۋە مەسلىھەت بېرىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئۆلچىمى»، «تالاش- تارتىش كەسكىنرەك بولغان مۇھىم قانۇن چىقىرىش ئىشلىرىدا 3- تەرەپنىڭ باھالىشىنى كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى خىزمەت ئۆلچىمى»، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر سوت قىلىش ساھەسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»، «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت پىكرى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت خۇلاسىسى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تەپسىلىي خىزمەت قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا «نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا تەكىتلەنگەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، دوكلات بېرىش ئۇسۇلى، قاراپ چىقىش تەرتىپى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنىڭ ئوچۇق- ئاشكارا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنى تەرەققىياتقا، خەلققە بەخت يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامرات كەنتلەرگە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات كەنتلەر ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىقى زور نامرات كەنتلەرنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىشنى تۈزۈلمە- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن باشلاپ تۇتۇپ، خادىملارنى تاللاپ ئەۋەتىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھالاپ رىغبەتلەندۈرۈشنى چىڭىتىپ، كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىدىكى ئادەم تاللاشتا ئەلالارنى تاللىماسلىق، باشقۇرۇش قاتتىق بولماسلىق، ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق، كاپالەتلەندۈرۈش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات كەنتلەرگە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى دەل جايىدا تاللاپ ئەۋەتىشكە، نامراتلارنى پۇختا يۆلەش، ئاممىنى رازى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، شەھەر- يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئېكولوگىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان كەنت قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئەخلەتلىرى ۋە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، كەنت قىياپىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر خىل بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىدىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاش كېرەك. ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان ئاساسىي تەدبىردە چىڭ تۇرۇپ، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، كۆل دائىرىسى بوشلۇقىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى چىڭىتىپ، كۆل قىرغىقى لىنىيەسىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى، شۇنداقلا كۆل سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كۆل ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆللەرگە دائىر قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش قانۇنىيىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بەس- بەستە ئوقۇتقۇچى بولىدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىدىغان، ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ياخشى قۇرۇش ۋە كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسى دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسى بار، يەرنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتمەسلىك، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، دۆلەت، كوللېكتىپ، شەخسنىڭ مەنپەئىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئۆرنەك قىلىشقا ۋە كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبىلەرنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۆيلۈك يەرنى ئېلىم- سېتىم قىلىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىشقا، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلىشىش شەرتى قىلىشقا بولمايدۇ.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشلىتىشتىكى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ۋە كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى ئىشلىتىشتىكى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپى خىزمىتى پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى خىزمەت ئۈچۈن تايانچ كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، ئىسلاھاتتا پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتى ساھەسىدىكى ئالاھىدىلىكى روشەن سىياسىي مەكتەپ قۇرۇشتىن ئىبارەت تۈپ نىشانىنى ئىگىلەپ، دىققەتنى ئىتتىپاق كادىرلىرىنى تەربىيەلەش ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىي تەربىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتى، ئاممىۋى خىزمەت ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى ئىختىساسلىقلار مەدىتى ۋە ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قانۇن چىقىرىشتا چېتىلىدىغان زور مەنپەئەتنى تەڭشەش، دەلىللەش، مەسلىھەت بېرىش ۋە تالاش- تارتىش كەسكىنرەك بولغان مۇھىم قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىگە 3- تەرەپ باھالىشىنى كىرگۈزۈش خىزمەت ئۆلچىمىنى ئورنىتىش پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى. «قانۇن چىقىرىش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن چىقىرىش لايىھەسى تۈزۈش، دەلىللەش، مەسلىھەت بېرىش، باھالاش، ماسلاشتۇرۇش، قاراپ چىقىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەنپەئەتنى ئەكس ئەتتۈرۈش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، تەڭشەش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ھەر بىر قانۇننى ئاساسىي قانۇن روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدىغان قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر سوت قىلىش ساھەسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشتە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق − يېڭىلق يارىتىشنى قوغدىغانلىق، دەيدىغان ئىدىيەنى تورغۇزۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دەۋا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر سوت قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى سوت قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، خەتەرگە دادىل تەۋەككۈل قىلىشتەك مەسئۇلىيەت ۋە جاسارەت بىلەن، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، بىر تۈركۈم ئىسلاھات نەزەرىيەسى نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسى، ئەمەلىيەت نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاساسلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتتۇق. بۇ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىي ۋە پايدىلىق شارائىتى. ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدىن پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى ساھەلەر، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى داۋاملىق بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچ − مەيلى نېمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئىسلاھات قايسى باسقۇچقا كېلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىسلاھات قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى تەلىپى چۆرىدىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، زور بىر تۈركۈم سالمىقى تېخىمۇ زور، تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى، تەدبىرى تېخىمۇ ئەمەلىي ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىسلاھات يۈكى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. بىز جەزمەن تېخىمۇ جاپا- مۇشەققەتلىك تىرىشىشقا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ رەتلەپ چىقىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىغا ئاساسەن، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، خىزمەتنىڭ سالمىقى ۋە سىجىللىقىنى ساقلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پىلانلىق، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جايلار، تارماقلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات لايىھەلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئورۇندالمىغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ئىسلاھات لايىھەلىرىنىڭ ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى كېرەك. بىرىنچى قول رەھبەر ئىسلاھاتنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى زىددىيەت، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. كېلەر يىللىق ئىسلاھات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەزدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى