قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەت دۇردانىلىرى

2017-11-22 12:37:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر ئېغىز يېقىملىق گەپ ئۇزاققا سوزۇلغان قىشنى ئىللىتىدۇ.
ئۈمىدۋار ئادەم جەبىر- جاپادىن پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ، ئۈمىدسىز ئادەم ھەر- بىر پۇرسەتتىن جەبىر- جاپانى كۆرەلەيدۇ.
ئۆز خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىش ـــ دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ئىشلارنىڭ بىرىدۇر، بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىشتىن باشقا تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇل يوق.
دوست تۇتۇشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن بىلىمنى دوست تۇت، ھەرقانداق دوست ساڭا بىلىمدەك ئەسقاتمايدۇ.
ھۆرمەت ئادەمنىڭ تەقى- تۇرقى، سالاپىتىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى بىلىمىگە قاراپ بولىدۇ.
ئاتا- ئانىنىڭ قەرزى پەرزەنتلىرىنى مال- دۇنيالىق قىلىپ قويۇش ئەمەس، بىلىملىك، ھۆنەرلىك قىلىپ قويۇش.
ئاتا- ئاناڭدىن قالغان نام- نەسەب، مال- دۇنيا بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىگىلىگەن بىلىمىڭ بىلەن پەخىرلەن.
بىلىم ھۆنەر ئۆگەنمىگەن كىشى بىچارىلىككە رازى بولغان كىشىدۇر.
بىلىم ئەڭ قۇدىرەتلىك كۈچ، بىلىم ئىنسانىيەت بايلىقى، ئۇ ئىنسان زىننىتى.
بىلىم يوقىمايدىغان ھەم ئۇپرىمايدىغان ھېكمەتلىك گۆھەر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى