قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەسىپ ئىشقىدا

2017-11-27 20:05:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇيەسسەر ئاباھامىت


مېھرىگۈل مەمەتنىڭ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ بالىلار كېسەللىرى بۆلۈمىدە كىلىنىكىلىق داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 27 يىل بولدى. ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بالىلار كېسەللىرى ساھەسىدىكى تۆت پىروفېسسورنىڭ بىرى، غەربىي شىمالدىكى بالىلار قەنت كېسىلىنى سىستېمىلىق داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، بالىلار ئىچكى ئاجراتما ئىرسىيەت كېسەللىرى جەھەتتە تونۇلغان مۇتەخەسسىسكە ئايلاندى.
بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئاخىرى 13 ياشلىق ياڭ ياڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى. ياڭ ياڭ تۆت ياش ۋاقتىدا مېڭە ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، گەنسۇدا ئوپېراتسىيە قىلىنغانىدى، ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىمۇ، بىر ئايدىن كېيىن ياڭ ياڭنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، نەچچە ئايغىچە چۈشمىدى، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى گەنسۇ، شىئەن، سىچۈەندىكى داڭلىق دوختۇرخانىلارغا ئاپارغان بولسىمۇ، كېسىلى شىپا تاپالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ياڭ ياڭنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، ئالتە يېشىدىن باشلاپ كارىۋاتتىنمۇ چۈشەلمەيدىغان، گەپمۇ قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. ياڭ ياڭنىڭ ئاپىسى ياڭ يەنمېي نېمە قىلارىنى بىلەلمەي يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېھرىگۈل مەمەتنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ياڭ ياڭنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلدى.
مېھرىگۈل مەمەت ياڭ ياڭنى كېسەلخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ داۋالاشقا كىرىشتى. ياڭ ياڭنىڭ مېڭە ئۆسمىسىنى ئوپېراتسىيە قىلغۇچە مېڭە ئەتراپىدىكى نېرۋىلار زەخىمگە ئۇچراپ، ھورمون ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتكەنىدى، بۇنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى قىزىش بولغانلىقتىن، دوختۇرلار قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ياڭ ياڭنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. مېھرىگۈل مەمەتنىڭ بىر ئاي كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن ياڭ ياڭ گەپ قىلىدىغان، بەزى ھاجەتلىرىدىن ئۆزى چىقالايدىغان بولدى. دەسلەپتە ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئۈچ يېرىم ياشلىق بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بىلەن ئوخشاش ئىدى، بىر ئاي داۋالاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئالتە ياشلىق بالىدەك بولدى. مېھرىگۈل مەمەت ئۇلارنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل بالىسىنى داۋالىتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن خېلىلا ھالسىرىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارغا 2000 يۈەن ياردەم قىلدى، بۆلۈمدىكى باشقا دوختۇر، سېسترالارمۇ پۇل يىغىش قىلىپ ئۇلارغا بەردى. ساخاۋەتچىلەرمۇ ياڭ ياڭنى يوقلىدى. مېھرىگۈل مەمەت ۋە ئەتراپىدىكى مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە دوختۇرخانىغا ماڭالمايدىغان، گەپمۇ قىلالمايدىغان ھالەتتە ئېلىپ كېلىنگەن ياڭ ياڭ دوختۇر- سېسترالارغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۆزى مېڭىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.
مەن شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان، ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى، مېھرىگۈل دوختۇرنىڭ بالىلارنى مېھرى بىلەن داۋالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، - دېدى ياڭ يەنمېي كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ، − مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىر- بىرىگە ياردەم بېرىپ، ئىنتايىن ئېجىل- ئىناق ئۆتىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
مېھرىگۈل مەمەت دوختۇرلۇق ھاياتىدا ياڭ ياڭغا ئوخشاش نۇرغۇن سەبىينىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىپلا قالماي، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئاغرىق بالىلارغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلدى.
مېھرىگۈل مەمەت ئۆز ئارزۇسى بويىچە بالىلار كېسەللىرى دوختۇرى بولغاندىن كېيىن، 1995- يىلى دۆلەت تېببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ ياش تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش تۈرى بويىچە ياپونىيەگە بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ياپونىيەدە بەش يىل دوكتۇرلۇقتا ئوقۇدى. ئۇ چەت ئەلدە ئوقۇش جەريانىدا بويى ئۆسمەيدىغان كېسەللەر، بالىلار قەنت كېسىلى، سېمىزلىك توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرنالدا ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ ساھەدە تەسىر قوزغىدى. مېھرىگۈل مەمەت ئىزچىل ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە توپلاش، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىللە، ئەتراپىدىكى كەسىپداشلىرىنىڭ يېڭى تېخنىكىلارنى ئىگىلىشى ۋە تەربىيەلىنىشىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشنى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى، دەپ بىلدى. ئۇ يېڭى خىزمەتكە چىققان دوختۇرلارغا بىلگىنىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەتتى. ياشلاردىن داۋالاش قوشۇنى تەشكىللەپ، بالىلار ئىچكى ئاجراتما كېسەللىرى ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ بالىلار ئىچكى ئاجراتما ئىرسىيەت كېسەللىرى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ قوشۇن غەربىي شىمال بويىچە داۋالاش ۋە تەتقىقاتتا كۆزگە كۆرۈنگەن قوشۇنغا ئايلاندى. ئۇلار ئامېرىكا بوستۇن بالىلار دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تور دەرسخانىسى قۇرۇپ چىقتى. مېھرىگۈل مەمەت ھەر شەنبە كۈنى كەچتە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلارنىڭ كېسەل ئەھۋالىنى ئانالىز قىلاتتى، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغىمۇ دەرس بېرەتتى، ئۇ تەربىيەلەپ چىققان ماگىستىر ئاسپىرانتلار چەت ئەللەردىكى دوختۇرخانىلار ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوختۇرخانىلاردا تايانچ كۈچلەردىن بولۇپ قالدى. ئۇ جاپالىق ئەجرى بەدىلىگە يۇقىرىقى نەتىجىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا بويىچە مۇنەۋۋەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالاندى. دۆلەت دەرىجىلىك كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسلىك تۈزۈش بويىچە كۆپ قېتىم 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ يىل 8- ئايدا ئۇ تەربىيەلىگەن ماگىستىر ئاسپىرانت دىلخۇمار جۈرئەت مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار ئىنگلىز تىلىدا سىستېمىلىق دىياگنوز قويۇپ داۋالاش بويىچە نۇتۇق سۆزلەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
شەنشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى شې جياۋلۇڭ دېھقان پەرزەنتى ئىدى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبلىك ئوقۇشتا قىينىلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن مېھرىگۈل مەمەت شې جياۋلۇڭ ئۈچ يىل ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگىچە ئۇنىڭغا ئايدا 1000 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بەردى، كىيىم- كېچەك، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلاپ بەردى.
مېھرىگۈل مۇئەللىم بولمىغان بولسا مەن ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمدىن ۋاز كېچىشىم مۇمكىن ئىدى، − دېدى ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 5- دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان شې جياۋلۇڭ، − ئۇ ماڭا بىلىم بېرىپلا قالماي، ئانىلارچە مېھرىبانلىق يەتكۈزدى. مەن ئايروپىلان بىلەن يۇرتۇمغا قايتقان تەتىلنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن، چۈنكى بېلەتنى مېھرىگۈل مۇئەللىم ئېلىپ بەرگەنىدى، مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئايروپىلاندا ئولتۇرۇشۇم بولغاچقا، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. مەن ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭدا خىزمەت قىلىشنى تاللىدىم.
ئادەمدە ئارزۇ بولۇشى بەك مۇھىم، شۇ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىش، ئارزۇسىغا يېتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىرىشىش تېخىمۇ مۇھىم. ئارزۇ، تىرىشچانلىق، داۋاملاشتۇرۇش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھاياتىمنى تېخىمۇ مەنىگە ئىگە قىلغان. دەسلەپتە ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا ئىچكىرىدىن كەلگەن پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، ئىچكىرىگە بىر يىل ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگىلى ماڭغىنىمدا، قىزىمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خەن فېڭلىن ئۆيىمىزگە كېلىپ، قىزىمنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ئاتا- ئانام، قېرىنداشلىرىم مېنى يېقىندىن قوللىدى. ئەتراپىمدىكى مانا مۇشۇنداق كۆپ كىشىنىڭ ياردىمىدە مەن بۈگۈنكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدىم، شۇڭا مەنمۇ جەمئىيەتكە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈشۈم، بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھەر مىللەت تايانچ دوختۇرلارنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىم كېرەك، − دېدى مېھرىگۈل مەمەت.
مېھرىگۈل مەمەتكە نىسبەتەن بالىلارنىڭ چېھرىدە ئەكس ئەتكەن تەبەسسۇم ۋە ھاياتقا بولغان ئىشەنچ ئۇنىڭغا بەرگەن ئەڭ ئالىي مۇكاپات، ئۇ ئاغرىقلارنىڭ تەشەككۈرىنى ئاڭلىغاندا ئالەمچە خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ، چارچاشلىرى تۈگەپ ھاردۇقى چىققاندەك بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى