ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەنمۇ دوستلىرىمدەك ياشاي

2017-11-27 20:25:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تاڭ سەھەر، بالا شېرىن چۈشلەر قوينىدا ئەللەيلىنىۋاتاتتى. ئانىنىڭ زىل ئاۋازى ئۇنى چۈشلەر قوينىدىن تارتىپ چىقاردى.
- ئوغلۇم، تۇرۇڭ، چاي ئىچىڭ.
بالا ئورنىدىن ئېرىنىپ تۇردى- دە، كىيىملىرىنى كىيىشكە باشلىدى. ئاپىسى ئۇنىڭ يېنىدا دەرھال ھازىر بولۇپ، بالىنىڭ چاپىنىنى كىيىشىگە ياردەملىشىشكە باشلىدى.
- ئاپا، مەنمۇ توققۇز ياشقا كىردىم، ئۆزۈم كىيەيچۇ؟
- ياق بالام، مەن كىيدۈرۈپ قوياي، سىز مېنىڭ گۆھىرىم.
بالىدىن ئۈن چىقمىدى. ئۇلار تاماق ئۈستىلىگە كەلدى، بالا چىنىسىگە چاي قۇيماقچى بولىۋېدى، ئانا يەنە توسىۋالدى.
- مەن قۇيۇپ بېرەي قوزام، قولىڭىزنى كۆيدۈرىۋالىسىز.
بالا ئانىسى قۇيۇپ بەرگەن چاينى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئىچتى. ئۇ چاي ئىچىپ بولغۇچە ئانا ئۇنىڭ سومكىسىنى تەييارلاپ قويغانىدى. بالا سومكىسىنى مۈرىسىگە ئاستى- دە، ئىشىكتىن چىقماقچى بولدى.
- توختاڭ بالام، مەن بىللە چىقاي، سىزنى پەستە دادىڭىزنىڭ شوپۇرى ساقلاپ تۇرىدۇ.
- ئاپا، باشقا دوستلىرىم بىلەن ئاپتوبۇستا بارايچۇ؟ - دېدى بالا ئانىسىغا تەلمۈرۈپ.
- ياق بالام، سىز ئۇلارغا ئوخشىمايسىز. سىز دېگەن چوڭ باشلىقنىڭ بالىسى، بىزنىڭ بارلىقىمىز سىز ئۈچۈن.
بالا ئاپىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا پەسكە چۈشۈپ، دادىسىنىڭ پىكاۋىغا چىقتى. ئاپىسى شوپۇرغا نېمىلەرنىدۇر جېكىلەشكە باشلىدى.
چۈش. چۈشلۈك دەم ئېلىش قىسقا بولغاچقا، بالىلار ئۆيگە قايتمايتتى. بالا دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە تاماق يېمەكچى بولۇپ ماڭدى-يۇ، دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ سالپىيىپ قالدى. چۈنكى دەرۋازا ئالدىدا ئۇنى ئاپىسى ساقلاپ تۇراتتى. ئۇ دوستلىرىدىن ئايرىلىپ، ئاپىسى بىلەن ماڭدى. ئاپا ئوغلىنى بىر ھەشەمەتلىك تېز تاماقخانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا ئەكىرىپ، ئېسىل، قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى بۇيرۇتۇشقا باشلىدى. بالا ئۈستەلگە لىققىدە كەلگەن تاماقلارغا قاراپلا تويۇپ قالدى. ئانا ئۇنى تاماق يېيىشكە زورلاشقا باشلىدى.
«ئەگەر سەرەڭگە ساتقۇچى قىز، كىچىك سەنماۋلار يېنىمدا بولغان بولسا، مۇشۇ تاماقلارنى يېيىشىپ بېرەر ئىدى» دەپ ئويلىدى بالا. تاماقتىن كېيىن ئاپىسى ئۇنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا ئەكېلىپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
كەچ. چۈشتىن كېيىنكى ئۈچ سائەتلىك دەرسنى تاماملىغان بالا ھارغىن قەدەملىرى بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقتى. ئۇنى دادىسىنىڭ شوپۇرى ساقلاپ تۇرغانىدى. ئۇ قارا رەڭلىك پىكاپقا قارىدى. شۇ تاپتا بۇ قارا رەڭلىك پىكاپ گويا ئۇنىڭغا چۆچەكلەردىكى قارا دىۋىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدەك كۆرۈندى. ئۇ پىكاپقا چىقتى- دە، يولنىڭ چېتىدە خۇشال - خورام يۈگۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان ساۋاقداشلىرىغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ قالدى.
بالا ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئۆيگە يەنە كەلدى. ئۇنى دادىسى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ساقلاپ تۇراتتى. ئۇ تاماقنى چالا- بۇلا يەپلا مۇئەللىم بىلەن دەرس تەكرارلاشقا ئولتۇردى. ئىككى سائەت ئۇنىڭغا ئىككى يىلدەك تۇيۇلدى. ئۇ ئاستا مېڭىۋاتقان سائەت ئىسترېلكىسىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ، ئۆزىنى ۋاقىتنىڭ ئالقىنىدا قېرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئۇ تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولغۇچە ئانىسى ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان سۈتنى قىزىتىپ تەييار قىلىپ بولغانىدى.
بالا ياتماقچى بولۇپ يوتقانغا كىرىشىگە، ئاپىسى كىرىپ، ئۇنىڭ يوتقانلىرىنى تۈزەشتۈرگەچ:
- ئەتە چۈشتىن بۇرۇن دادىڭىزنىڭ شوپۇرى سىزنى ئىنگىلىز تىلى كۇرسىغا ئېلىپ بارىدۇ، چۈشتىن كېيىن مەن مۇزىكا كۇرسىغا ئاپىرىمەن، كەچقۇرۇن دادىڭىزنىڭ دوستى تاماققا تەكلىپ قىلدى. شۇ يەرگە بارىمىز.
- ئەتە مۇئەللىم بىزنى دالا سەيلىسىگە ئېلىپ چىقماقچى ئىدى، ئاپا.
- دالا سەيلىسىگە دادىڭىز بىلەن كېيىن ئاپىرىمىز. ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىش مۇھىم. ھازىرقى مۇئەللىملەرنى قاراڭ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتماي نەدىكى يەرلەرگە ئېلىپ بېرىپ، - ئاپىسى كوتۇلدىغىنىچە چىقىپ كەتتى.
بالا ئۈن چىقارماي كۆزىنى يۇمۇۋالدى. ئۇنىڭ قەپەستىكى قۇشقاچتەك سىقىلغان يۈرىكى «مەنمۇ دوستلىرىمدەك ياشاي ئاپا!» دەپ نىدا قىلماقتا ئىدى.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى