قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يەر شارىغا كېلەمدۇ؟

2017-11-27 20:28:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بارمۇ ئاينىڭ بالىسى،
مۆ... مۆ موزاي كالىسى.
مۇز توڭلىغان دەريادا،
ئوينايدىغان چانىسى.
 
مېنىڭكىدەك مەزمۇتمۇ،
لەگلىكىنىڭ تانىسى؟
بۇزۇلغاننى ئوڭشاشقا،
بارمۇ ئامال- چارىسى؟
 
سەكرەپ- سەكرەپ ئوينامدۇ،
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ؟
قوغلامدۇ ھەم كېپىنەك،
كۆڭۈلنى خۇش، ياد ئېتىپ.
 
ئۈزەمدۇ ئاق بېلىقتەك،
سۈزۈك سۇغا چۆمۈلۈپ؟
قىيغىتامدۇ تايچاقتەك،
توپا، قۇمغا كۆمۈلۈپ؟
 
ئاخشاملىرى مومىسى،
چۆچەك ئېيتىپ بېرەمدۇ؟
چۆچەكتىكى دېۋىنىڭ،
ئۇۋىسىغا كىرەمدۇ؟
 
بىردىن تارتىپ يۈزگىچە،
سان ساناشنى بىلەمدۇ.
دوست بولايلى دېسەم ئۇ،يەر شارىغا كېلەمدۇ؟

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى