قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماي قاچىلىغاندا بۇنداق ماشىنا بولسا ماي قاچىلماڭ

2017-11-28 20:01:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ماشىنا سېتىۋالغاندىن كېيىن، ماي قاچىلاش ھەرقايسى ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ قىلمىسا بولمايدىغان زۆرۈر ئىشى بولۇپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، گەرچە ماي قاچىلاش قارىماققا ناھايىتى ئادەتتىكىچە ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نۇقتىلار بار.
ماي قاچىلىغاندا چوقۇم دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
1. ماي توشۇيدىغان ماشىنا بار بولسا يەنە بىر ماي قاچىلاش پونكىتىغا بېرىشنى تاللاڭ.
ماي قاچىلاش پونكىتىدا ماي توشۇيدىغان ماشىنا توختىتىلغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ماي قاچىلاش پونكىتىغا بارماڭ. نېمىشقا دېگەندە، شۇنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بولىدۇكى، ماي توشۇيدىغان ماشىنا ماي قاچىلاش پونكىتىغا ماي تولۇقلاۋاتقاندا، ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ماي ئىسكىلاتى ئىچىدىكى بېنزىن سۇيۇقلۇقى قوچۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماي باكى ئاستىدىكى چۆكمە داشقاللارنى قوزغىۋىتىدۇ، ئۇ ماشىنىنىڭ ماي باكىغا قاچىلانسا ماتورغا مەلۇم دەرىجىدە زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدۇ.
2.ماي بەك لىق ياكى بەك ئاز قاچىلانسا بولمايدۇ.
ماشىنا مېڭىپ-توختاپ تۇرىدۇ، ئەگەر ماي باكىغا بەك لىق ماي قاچىلانغان بولسا، ماي باكى ئىچىدىكى بېسىم ناھايىتى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. ئەگەر ماي باكى ئىچىدىكى ماي بەك ئاز بولۇپ قالسا، ماي پومپىسىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، چۈنكى ئادەتتە ماي پومپىسى ماي باكىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ، بېنزىننىڭ ئۇنى سوۋۇتۇش رولى بار. بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ھەممىسى ماي باكىغا نىسبەتەن ياخشى ئەمەس.
3.گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلۇق ھاۋا رايىدا ماي قاچىلاشقا بولمايدۇ.
گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلۇق ھاۋا رايى شارائىتىدا ماي قاچىلانسا، ماي پرېس مىلتىقى ئارىلاشما توكنى ماشىنىنىڭ ماي باكىغا ئىنتايىن ئاسانلا كىرگۈزۈۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇراقسىز بېنزىن مولېكۇلا ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوت ئاپىتى، پارتلاش قاتارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭدەك ماي قاچىلاش پونكىتىدا يېقىلغۇ ماي پارىنىڭ قويۇقلۇقى باشقا جايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئېنىقلا كۆپ يۇقىرى بولغاچقا، ئەگەر يەنە داۋاملىق ماي قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلىنسا، يېقىلغۇ ماي پارى ئاسانلا چاقماق سوقۇۋېتىشكە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ماشىنا ۋە ماي باكىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4.ماي قاچىلىغاندا ئەتىگەن ۋە ئاخشامنى تاللاڭ.
ئەتىگەن ۋە كەچتىكى تېمپېراتۇرا كۆپ ھاللاردا چۈشتىكى قۇياش نۇرى كۈچلۈك ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنرەك بولىدۇ، ئۇنداقتا نېمىشقا تېمپېراتۇرا تۆۋەن ۋاقىتنى تاللاپ ماي قاچىلاش كېرەك؟ ھەممىمىزگە ئېنىقكى، بېنزىن ھەجىمى ئارقىلىق ھېسابلىنىپ ھەق ئېلىنىدۇ. «ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش پىرىنسىپى»غا ئاساسلانغاندا، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولسا بېنزىننىڭ ھەجىمى كىچىك بولغاچقا كۆپرەك قاچىلىغىلى بولىدۇ. ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرساق ئازراق پۇلنى ئىقتىساد قىلغىلى بولىدۇ، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى: «ئۇنداقتا بېنزىن كېڭەيگەن چاغدا بىرەر مەسىلە كېلىپ چىقامدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن، ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى ماي باكىغا ئۇنچىۋالا لىق ماي قاچىلىغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئازراق ئارتۇق بوشلۇق قالدۇرۇلغان بولىدۇ! لېكىن سىزنىڭ بۇنچىۋالا زىغىرلاپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئاپتورنىڭ ئۇزۇن مۇددەت دىققەت قىلىپ كۆزىتىشىدىن قارىغاندا، بۇنداق قىلىپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن ماي تېجەش يەنىلا بىر كۈن ماشىنىنى ئاز ھەيدىگەندە تېجەلگەن مايغىمۇ يەتمەيدۇ!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى