قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قانداق چاغدا ئاپتوموبىلنىڭ تۆت چاق ئورنىنى تەڭشەپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؟

2017-11-28 20:02:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتوموبىلنى بىر مەزگىل ھەيدىگەندىن كېيىن رولنى تۇتۇپ تۈز مېڭىۋاتقاندا ئاپتوموبىل بىر تەرەپكە ئېغىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئاپتوموبىل ئېگىز -پەس يوللاردىن، ئورەك - ئازگاللاردىن ئۆتكەندە قاتتىق ئۇرۇلۇپ، تەگلىك زاپچاسلار ئۇپراپ، ئۇزۇن ۋاقىت سىلكىنىش ۋە تەۋرىنىش تەسىرىدە زاۋۇت ئەسلىدە بېكىتكەن ئاسما تەگلىك ۋە چاقنىڭ مېخانىكىلىق ئورنى ئۆزگىرىپ، بۇلۇڭلۇق ئېغىش يۈز بەرگەندە ئاپتوموبىل يانغا ئېغىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر، چاق ئېغىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە چاق ئورنىنى قايتىدىن مۇقىملاشتۇرىۋەتمىسە، ئۇزۇن ۋاقىت چاق ئىككى تەرەپكە سىلكىنىپ بالۇن ئۇپراپلا قالماي، يەنە چاق بۇلۇڭى ئوخشىمىغانلىق سەۋەبىدىن ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈشى راۋان بولماي، ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ماڭغاندا خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ، تەگلىك زاپچاسلىرى تېز ئۇپرايدۇ. ئۇنداقتا، قانداق چاغدا ئاپتوموبىلنىڭ تۆت چاق ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؟
مۇتەخەسسىسلەر ئەڭ ئاز بولغاندا يىلدا بىر قېتىم ياكى ھەر 10 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ بولغاندا بىر قېتىم چاق ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەگەر، ئاپتوموبىلنى ئىشلىتىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولسا، مەسىلەن، تاكسى، يۈك ماشىنىسى دېگەندەكلەر ياخشىسى يېرىم يىلدا ياكى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم چاق ئورنىنى مۇقىملاشتۇرسا ياخشى. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئادىتى، ۋاقتى، مۇساپىسى ۋە ماڭىدىغان يولنىڭ شارائىتى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ئاپتوموبىل چاقىنى تەڭشەپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك:
1.ئاپتوموبىل تۈز يولدا مېڭىۋاتقاندا رول تۈز تۇرماسلىق.
2.ئاپتوموبىل تۈز يولدا مېڭىۋاتقاندا ئوڭغا ياكى سولغا ئېغىش.
3.بالون بىنورمال ئۇپراش، مەلۇم چاقنىڭ بالونى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېغىر ئۇپراش.
4.ئاپتوموبىل مېڭىۋاتقاندا سىلكىنىش.
5.رول ئوڭ-سولغا تەۋرىنىش.
6.ئاپتوموبىل مېڭىۋاتقاندا لەيلەش ئەھۋالى يۈز بېرىش.
7.ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كەتكەندە.
 
8.ئاپتوموبىلنىڭ تەگلىكى، يۆنىلىش ئۆزگەرتىش سىستېمىسى، ئۈچ پۇتلۇق جازا ۋە شاتۇن قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرغان چاغدا.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىل يۇقىرى سۈرئەتتە مېڭىۋاتقاندا رولى تىترىسە، چاق ئورنىنى تەڭشەپ مۇقىملاشتۇرۇش لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى