قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر كىمنىڭ قانداقلىقى قوشنىدارچىلىقتىن بىلىنىدۇ

2017-11-28 20:04:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قەدىمقىلەردىن قالغان «ياخشى قوشنا بەئەينى بىر ئېسىل خەزىنە»دەيدىغان تەمسىل بار. دەرھەقىقەت، قولۇم-قوشنىلار ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىپ ئىجىل-ئىناق ئۆتسە، بىر-بىرىگە يار-يۆلەك، ھەمنەپەس بولىدۇ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ تۈرلۈك مەئىشەتلىرى راۋاج تاپىدۇ. ئەكسىچە بولسا،مەھەللە-كوي، ئەل-يۇرتنىڭ تىنچلىقى بۇزۇلىدۇ، بۇ ھالدا پىتنە ئاۋۇيدۇ، بەرىكەت كۆتۈرۈلىدۇ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەتكە دەز كېتىدۇ. دېمەك، مەلۇم دائىرىدە مەدەنىيەتنىڭ ئومۇملىشىپ ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلىنىشىدا قولۇم- قوشنىدارچىلىق مۇھىم ئامىلدۇر.
خەن سۇلالىسى زامانىسىدا لوۋېي ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن، بىر يازدا قوشنىسىنىڭ كالىسى نەچچە قېتىم ئۇنىڭ ئېتىزلىقىغا كىرىپ زىرائەتلىرىنى دەسسەپ -چەيلەپ نابۇت قىلىۋېتىپتۇ، لو ۋېي ئەھۋالىنى خوشنىسىغا دېگەن بولسىمۇ، خوشنىسى پىسەنت قىلماپتۇ، شۇنداقتىمۇ  لو ۋېي غەزىپىنى بېسىپ، كالىنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر كۈنى تاڭ ئاتماستا ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆپ ئورۇپ كېلىپ، تىۋىش چىقارماستىن قوشنىسىنىڭ كالا قوتىنىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويىدىغان بولۇپتۇ. كالا يۇمران، يېڭى چۆپنىڭ ھىدىنى ئالغان ھامان پۇشۇلداپ كەلگىنىچە يالماپ- يالماپ يەپ، قورسىقى تويغاندىن كېيىن ئۇخلايدىغان بولۇپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن كالا ئېتىزلىققا ئاياغ باسماپتۇ. قوشنىسى كالا قوتىنىنىڭ ئالدىدا ھەر كۈنى سەھەردە بىر قۇچاق چۆپنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىن ئەجەبلىنىپ، كىمنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، ئاخىرى چارلاش ئارقىلىق بۇ بىر قۇچاق چۆپنى لو ۋېينىڭ تاڭ سۈزۈلمەستە ئەكېلىپ قويىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇياتتىن يۈزى قىزىرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كالىسىنى تالا -تۈزگە قويۇۋەتمەيدىغان بولۇپتۇ. قوشنىدارچىلىقنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدىكى « لو ۋېينىڭ كالا بېقىشى » دېگەن ئىدىيوم شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.
ماددى مەدەنىيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش شارائىتىمۇ ياخشىلىنىپ، ئەسلىدىكى ھويلا- ئاراملىق ئۆيلەردىن بىنا -سارايلارغا كۆچۈپ، ھەركىم ئايرىم- ئايرىم بولۇپ كېتىشتى. شۇنداقلا خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى قاتىلاڭچىلىق تۈپەيلى قوشنىدارچىلىق بارغانچە سۇسلاشماقتا. بىر بىنانىڭ گېپىنىغۇ قىلمايلى، بىر زال، ھەتتا بىر قەۋەتتىكى قوشنىلارمۇ تونۇشمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىۋاتىدۇ. بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىدا مۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ. بىر كۈنى بىر كىشى ئۇدۇلدىكى «قوشنىسى»نىڭ توڭلاتقۇ، رەڭلىك تېلېۋىزور قاتارلىق ئۆي جابدۇقلىرىنى پەسكە ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، قوشنىلار كۆچكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. كېيىن بىلىپتۇكى، ئەسلىدە ئوغرىلار قوشنىسىنىڭ ئۆيىنى پۈتۈنلەي قۇرۇقداپ قويغان ئىكەن. ئوغرىلارنىڭ يۈك ماشىنىسىنى بىنانىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇپ، كۈپكۈندۈزدە قولۇم -قوشنىلارنىڭ كۆزىچە بىر ئۆينى «كۆچۈرۈپ» كېتىشتەك بۇ ئىشى ھەرقانچە ئويلىسىمۇ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ... بۇ مىسالدىن شەھەردىكى قوشنىدارچىلىقنىڭ قايسى دەرىجىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.بىر كىمنىڭ سۈپەت- ساپاسى قوشنىدارچىلىقتىن بىلىنىدۇ. تىلغا ئېلىنغان ھېكايەتتىكى لو ۋېي قاتارلىق ئادەملەر پەزىلەتلىكى ۋە دانىشمەنلىكى بىلەن كېيىنكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كىشىلەر، شۇنداقلا قوشنىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتىكى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئۆرنەكلەردۇر. قەدىمكىلەردىن «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى خوشناڭ ئەلا» دېگەن ھېكمەت قالغان. ھەركىمنىڭ قوشنىسىغا غەمخورلۇق قىلغىنى ئۆزىگە غەمخورلۇق قىلغىنىدۇر. ھەر بىرىمىز قوشنىدارچىلىق ھەققىگە ھۆرمەت قىلغان ۋاقتىمىزدىلا، ئاندىن جەمىيىتىمىز تېخىمۇ ئىناقلىققا تولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى