قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى بېسىپ تارقىتىلدى

2017-11-29 12:10:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى »ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى«نى بېسىپ تارقاتتى. »پىكىر«دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەرلىك ئورۇنلار بايلىقلارنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ كويىدا بولۇپ، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر كىشىلەرنى كۆزلەپ، جىددىي ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز رايونىدىكى ئېغىر نامراتلىق مەسىلىسىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونىدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىلان تۈزۈپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تەڭشەپ ۋە تولۇقلاپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دائىملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. نامرات كەنتلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى