قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق سەۋىيەسى ئۆزلۈكسىز ئۆستى

2017-11-29 12:20:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق سەۋىيەسى ئۆزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى ئومۇمىي مىقدارى مەملىكەتنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت دەرىجىلىك خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرى، روسىيەگە قارىتىلغان پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرى، ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق تۈرىدىن 18 نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يولغا قويدى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق پىلانى تۈرىدىن 58 نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىي 247 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت دەرىجىلىك خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسىدىن 10 نى بەرپا قىلىپ، 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايون ھەمدە 10 خەلقئارا تەشكىلات ۋە تەتقىقات ئاپپاراتى بىلەن خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى. بۇ- يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەرگە چېتىلدى. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى