قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باۋشەندىن چىقماي ساقلاپ ئولتۇرۇشتىن باشقىلارنىڭ كېمىسىگە ئولتۇرۇپ دېڭىزغا سەپەر قىلىشقىچە ئېچىلغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دېرىزىسى

2017-11-29 18:51:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەۋزەل بولغان تەبىئىي شارائىت تەبىئىي ئۆزگىچە كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سېتىش يوللىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن، بۇ تەرەپتىن دېھقانلار قولىدىكى ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرالماي بېسىلىپ قالسا، ئۇ تەرەپتىن شەھەر خەلقى كۆپ پۇل خەجلەپمۇ يېشىل، زىيانسىز مەھسۇلات سېتىۋالالمايۋاتاتتى. گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ گۈيدىڭ ناھىيەسىدە ئېلىكترونلۇق تور سودىگەرلىرىنىڭ بارلىققا كېلىپ بۇ جايغا ئورۇنلىشىشى بىلەن دېھقانلارنىڭ مال بولسىمۇ سېتىپ چىقىرالماسلىقتەك قىيىن ئەھۋالىنى بارا- بارا ئۆزگەرتىپ، ئېنىتىرنىت تورى نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا- كەنت مۇھىتىنىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشكە باشلىدى. بۇ يەردە تاغ كۆپ بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى ئوبرازلىق قىلىپ «سەككىز تاغ بىر ئېرىق بىر ئېتىز» دەپ تەرىپلىشىدۇ. بۇ يەردە تاغ كۆپ بولغاچقا ياۋا مېۋىلەرمۇ كۆپ ئىدى. بۇ يەرنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %57 بولۇپ، چاي، تۈكلۈك نەشپۈت، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشيا مەنبەسى مول، سېخىي تەبىئەت يەرلىك دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى ئاساسلىق تۆۋرۈك ئىدى.
 گۈيدىڭ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى جاڭ لىفاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە مول بولغان تەبىئىي بايلىقلار بولغانلىقتىن، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن. خۇددى يەرلىك كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئېيتىدىغان «ياخشى چىچەك قىزىل بولۇر» دېگەن ناخشىدا تەسۋىرلەنگىنىدەك، كۆزنى چاقنىتىدىغان قىزىل رەڭلىك چىچەكتىن بولغان مىۋىلەر دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتقان ئىدى.
 يەنشەن بازىرىنىڭ تۈكلۈك نەشپۈت يېتىشتۈرۈش بازىسى مول ھوسۇل پەسلىگە كىرگەن بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا، يېشىللىققا پۈركەنگەن بىپايان زىمىن كۆرۈنسە، يېقىندىن قارىغاندا، سانجاق- سانجاق ئالتۇنرەڭ نەشپۈتلەر شېخىنى كۆتۈرەلمەي قالغان ئىدى. بۇ خىل نەشپۈتنىڭ قارىماققا كۆرۈنۈشى ئادەتتىكىدەك، سىرتى پۈتۈنلەي تىكەنسىمان تۈكلەر بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C مايمۇنسىمان شاپتۇلدىن 10 ھەسسە كۆپ بولۇپ، مىۋە قېقى، مىۋە سۈيى ئىشلەپچىقارغاندا قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەرلىكتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكلىشىدە يەنشەن بازىرىدىكى دېھقانلار 20 مىڭ مو يەرگە تۈكلۈك نەشپۈت تېرىپ، 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئاھالىلىلەر 367 ئائىلە، 1 مىڭ 394 ئاھالە ئىدى. گۈيدىڭ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈكلۈك نەشپۈت ناھىيە بويىچە نامرات كەنتلەردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلىشىدىكى ئاساسلىق يولى بولۇپ قالغان. 
  سىرتتىكى تور سۇپىلىرى ئارقىلىق بازار ئېچىش، ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىكتىكى ئنتىرنېت تور سودىگەرلىرىنىڭ تور سۇپىسى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىشى ئارقىلىق تاغ مەھسۇلاتلىرى شەھەرلىكلەرنىڭ داستىخىنىدىن ئورۇن ئالدى. نۆۋەتتە، گۈيدىڭدە بار بولغان ناھىيە دەرىجىلىك ئېلىكترونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزىدىن 12 سى، يېزا، كەنت دەرىجىلىك سودا مۇلازىمەت سۇپىسىدىن 1 مىڭ 104 ى بولۇپ، نامرات كەنتلەردىكى سودا ئونىۋېرسال مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 346 سى قۇرۇلۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ بازارغا يۈزلىنىشىدە زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
 گۈيدىڭ بىر كىچىكلىتىلگەن كارتىنا دىيىشكە بولىدۇ. ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى تور ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىش پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئەۋج ئالغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تور سودىگەرلىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.19 كۆپەيگەن ئىدى. مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ناھىيىلەردە تور ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىلغان مەھسۇلات قىممىتى 53 مىليارد 283 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 1.37 پوئېنت ئۆرلىگەن.
  تور سودىگەرلىرى بىر ۋاستە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەقىقىي يەتمەكچى بولغان نىشان. ھازىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تور ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىش تەس ئىش ئەمەس. ئەمما، بۇ ئارقىلىق نامرات ئاھالىلىلەرگە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش قىلماسلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدىكى ھالقىلىق مەسىلە. گۈيدىڭ ناھىيەسىدە نامرات ئاھالە 9 مىڭ 374 بولۇپ، نامرات ئادەم 30 مىڭ 97 نەپەر. كۆك نامرات دېھقان ئائىلىسى 22 نەپەر. تور ئېلىكتورون مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قالاق ئىدىيەنى تۈگىتىپ، نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلىي ھەل قىلىشقا تىگشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
 نامرات ئاھالىلەر ئۈچۈن سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇش. چاڭمىڭ بازارلىق ئېلىكترونلۇق سودا تور مۇلازىمەت مەركىزىدە گۈيجۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى خۇاڭ ياشىن چوڭ ئېكراندا گۈيدىڭ ناھىيەسىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودا تورى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چوڭ سانلىق مۇلازىمەت سۇپىسىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ سۇپىغا كىرگەندىن كېيىن، بازار، كەنت، مەھەللىلەر بويىچە دەرىجىلەرگە ئايرىلغان ھەر بىر نامرات ئاھالىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆرگىلى بولاتتى. ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ، بەتكە كىرگەندىن كېيىن نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىق ئەھۋالى، دەرىجىسى، نامراتلىق سەۋەبى قاتارلىقلار ئېنىق كۆرۈلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى بۇ سۇپىدىن ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. كەسىپلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۆزنىكىدىن يەنە تېرىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مال يەتكۈزۈش ۋاقتى، مەھسۇلات ۋە كىرىم قاتارلىق ئۇچۇرلارنىمۇ كۆرگىلى بولاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا كارخانىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش، مەھسۇلات ئىجازەتنامىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى كۆرگىلى بولاتتى.
 نۆۋەتتە، گۈيدىڭ ناھىيىسى يېزىدىكى تور سودىگەرلىرى دېھقانلار، يۇرتىغا قايتقانلار، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئېلىكتورون تور سودىگەرلىرىنىڭ «كۆپچىلىك ئامما ئىگىلىك تىكلەش، تۈمەنلىگەن ئامما يېڭىلىق يارىتىش» روھى بۇ يەردە يىلتىز تارتقان ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى