قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆكتات پارنىكىنىڭ نەملىكىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى

2017-11-29 12:25:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قىشتا پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرگەندە يورۇقلۇق ئاجىز، تېمپېراتۇرا تۆۋەن، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ناچار بولسا، پارنىكنىڭ نەملىكى ئېشىپ كېتىپ، پارنىكتا ھەر خىل كېسەل ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. پارنىكنىڭ نەملىكىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش لازىم:
 1- سۇ تامچىلاش يالتىرىقى ئىشلىتىش: بۇنداق يالتىراقنى ئىشلەتكەندە، يالتىراققا يىغىلىپ قالىدىغان سۇ مىقدارىنى ئازايتىپ، نۇر ئۆتكۈزۈشنى ياخشىلاپ، تېمپېراتۇرىنى يۇقىرىلاتقىلى، نەملىكنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
 2- يەرگە يالتىراق يېپىش: يەرگە يالتىراق ياپقاندا تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنى ئىككى سېلسىيە گىرادۇستىن ئۈچ سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرىلاتقىلى، تۇپراق نەملىكىنىڭ پارلىنىشى ۋە سۇغىرىش قېتىم سانىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
 3- قىر سېلىش: ئېگىز قىرنىڭ قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېمپېراتۇرا تېز ئۆرلەپ، تۇپراقتىكى سۇنىڭ پارلىنىشى تېزلىشىپ، تۇپراق نەملىكى ئېشىپ كەتمەيدۇ.
 4- مۇۋاپىق سۇغىرىش: ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى سۇغىرىش، ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى سۇغۇرماسلىق؛ چۈشتىن بۇرۇن سۇغىرىش، چۈشتىن كېيىن سۇغۇرماسلىق؛ يېنىك سۇغىرىش، باستۇرۇپ سۇغۇرماسلىق؛ قىشتا ئىلمان سۇدا سۇغىرىش (قىشتا ئاۋۋال سۇنى ئىسسىتىپ، يەر تېمپېراتۇرىسىغا يېقىنلاشقاندا سۇغىرىش)، سوغۇق سۇدا سۇغۇرماسلىق؛ قاراڭغۇدا سۇغىرىش، يورۇقتا سۇغۇرماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە تېمىتىپ سۇغىرىش، يالتىراق ئاستىدىن سۇغىرىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.
 5- ھاك قويۇش: پارنىك ئىچىگە ئۆچۈرۈلمىگەن ھاكنى يەتتىدىن ئونغىچە ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق پارنىك ئىچىدىكى نەملىكنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
 6- ھاۋا ئالماشتۇرۇپ نەملىكىنى تۆۋەنلىتىش: چۈشتە پارنىك ئىچى ۋە سىرتىنىڭ نەملىك پەرقى بەك چوڭ بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا ھاۋا ئالماشتۇرسا نەملىك تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. باشقا ۋاقىتلاردىمۇ تېمپېراتۇرىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پارنىكنى سۇغارغاندىن كېيىنكى ئىككى- ئۈچ كۈندە، يوپۇرماق يۈزىدىن ئوغۇتلىغان ياكى دورا ئىشلەتكەندىن كېيىنكى بىر- ئىككى كۈندە، ھاۋا تۇتۇق، يامغۇر (قار) ياغقان كۈنلەردە ۋە كۈن ئولتۇرۇشنىڭ ئالدى - كەينىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
 7- چاتاش: سۇغارغاندىن كېيىن تۇپراقنى ۋاقتىدا ياخشى چاغلاپ، تۇپراقنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى سۇنىڭ تۇپراق يۈزىگە يۆتكىلىشىنى توسۇش كېرەك.
 8- سۈنئىي ئۇسۇلدا نەملىك سۈمۈرۈش: قۇر ئارىلىقىغا شال پاخىلى، سامان، ئوت - چۆپ كۈلى ياكى يۇمشاق توپا سېپىپ، پارنىك ئىچىدىكى نەملىكنى كونترول قىلىش لازىم.
 9- تۇپراقنى ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش: بۇ ئارقىلىقمۇ تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پارنىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، پارنىك ئىچىدىكى نەملىكنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى