قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاناتلىق ئارزۇ

2017-11-29 18:44:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر بالا ئاپىسىغا: «ئاپا، سىز بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭىز» دەپتۇ. «قانداق دەيسەن؟» ياندۇرۇپ سوراپتۇ ئاپىسى. «چۈنكى، بۈگۈن سىز چېچىلمىدىڭىز» دەپتۇ بالا جاۋابەن. ئەسلىدە، چىرايلىق بولۇش ئاددىيلا بىر ئىش ئىكەن. پەقەت، كەلسە - كەلمەس چېچىلمىسىلا بولىدىكەن.
 بىر تېننىس توپ تىرېنېرى ئوقۇغۇچىلىرىدىن: «ناۋادا تېننىس توپ چۆپلۈككە چۈشۈپ كەتسە قانداق ئىزدەيمىز؟» دەپ سوراپتۇ. بەزىلەر: «چۆپلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ئىزدەيمىز» دېسە، يەنە بەزىلەر: «چۆپلىكنىڭ ئەڭ ئويمان يېرىدىن باشلاپ ئىزدەيمىز» دەپتۇ، يەنە بەزىلەر: «چۆپلەرنىڭ ئەڭ ئېگىز ئۆسكەن يېرىدىن باشلاپ ئىزدەيمىز» دېگەن جاۋابنىمۇ بېرىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن، تىرېنىر توغرا جاۋابنى جاكارلاپتۇ: «چۆپلۈكنىڭ بىر قىرىدىن يەنە بىر قىرىغىچە تەپسىلىي ئىزدىسەكلا بولىدۇ».
 ئەسلىدە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تولىمۇ ئاددىي ئىشكەن، ھەر ئىشنى ئۆز قائىدىسى بويىچە قىلسىلا بولىدىكەن.
ئېتىزدا ياشايدىغان پاقا يول بويىدا ياشايدىغان پاقىغا: «سەن تۇرۇۋاتقان جاي بەك خەتەرلىككەن، كېلىپ مەن بىلەن بىللە تۇرغىن» دەپتۇ. يول بويىدا ياشايدىغان پاقا: «بۇ يەرگە كۆنۈپ قاپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆچۈش بەك ئاۋارىچىلىك» دېگەن جاۋابنى بېرىپتۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن، ئېتىزدا ياشايدىغان پاقا يول بويىدا ياشايدىغان پاقىنى يوقلىغىلى بېرىپ، ئۇنىڭ ھارۋىنىڭ چاقىدا دەسسىلىپ ئۆلگەنلىكىنى بايقاپتۇ، ئۆلىكىمۇ يولغا تاشلىنىپ قاپتۇ. ئەسلىدە ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەشكىمۇ كۆپ ئىش كەتمەيدىكەن، پەقەت ھورۇنلىقنى تاشلىسىلا بولىدىكەن.
بىر كۈچۈك پەزىلەت ئىگىسىدىن ئۆزىنى شاگىرتلىققا ئېلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. پەزىلەت ئىگىسى خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا پۈتۈن بەدىنى پاتقاققا مىلەنگەن بىر موزاي ئۆمىلەپ دېگۈدەك سازلىقتىن چىقىپ كەپتۇ. پەزىلەت ئىگىسى كۈچۈككە: «ئۇنىڭ بەدىنىنى يۇيۇپ قويغىن» دەپتۇ. كۈچۈك ھەيرانلىق بىلەن: «مەن پەزىلەت ئىگىسىنىڭ شاگىرتى تۇرۇپ، ئاشۇ مەينەت بېسىپ كەتكەن موزاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالامدىم!» دەپتۇ. پەزىلەت ئىگىسى: «سەن باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىساڭ، باشقىلار سېنىڭ مېنىڭ شاگىرتىم ئىكەنلىكىڭنى قانداق بىلىدۇ؟» دەپتۇ جاۋابەن. ئەسلىدە، «پەزىلەت ئىگىسى» گە ئايلىنىشمۇ ئاددىيلا بىر ئىشكەن، پەقەت سەمىمىيلىك بىلەن بەدەل تۆلىسىلا بولىدىكەن.
بىر ئالتۇن چايقاش ئەترىتى قۇملۇققا سەپەر قىپتۇ. مېڭىۋېرىپ ھەممىسى ھالىدىن كېتىپ، دەرد - ھەسرەت چېكىشىپتۇ. پەقەت بىرەيلەنلا  خۇشال - خۇرام سەپىرىنى داۋام ئېتىپتۇ. باشقىلار ئۇنىڭدىن نېمىشقا مۇشۇنداق خۇشال - خۇرام ئىكەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇ: «چۈنكى، مېنىڭ ئېلىپ ماڭغان نەرسىلىرىم ئەڭ ئاز» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئەسلىدە كۆڭۈللۈك ياشاشمۇ تەس ئەمەسكەن، ئاچ كۆزلۈك قىلمىسىلا بولىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى