قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەدەپ-ئەخلاق ھەققىدىكى ئەقلىيە سۆزلەر

2017-11-29 19:04:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەر قانداق ئىنسان ئۆز بەدىنىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يېيىش - ئىچىشكە مۇھتاج بولغىنىدەك، ئىنسانىي خىسلىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئەدەپكە مۇھتاج بولىدۇ. ئۆزىنى ئەدەپ بىلەن زىننەتلىمىگەن ئادەم، دۈشمەنلىرىنى خوشال قىلىدۇ، دوستلىرىنى رەنجىتىدۇ.
ھەر قانداق نەرسە كۆپەيگەنسېرى، ئۇنىڭ باھاسى ئەرزان بولىدۇ. ئەكسىچە ئەدەپ - ئەخلاق كۆپەيگەنسېرى قىممىتى ئېشىپ بارىدۇ. ئەدەپ بولسا ئەقىلگە نۇر بېغىشلىغۇچى ۋە سالامەتلىكنىڭ سەرمايىسىدۇر.
ئەدەپلىك بولۇش ئۈچۈن ئەدەپ - ئەخلاقلىق ۋە تەربىيە كۆرگەن ئادەملەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش، تەربىيە كۆرمىگەن، ئەدەپسىز ئادەملەرنى ئىبرەت قىلىش كېرەك.
ئۆزىدە گۈزەل ھەرىكەت ۋە ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئەخلاقلىق ۋە تەربىيە كۆرگەن ئادەملەرنىڭ خىسلىتى. مەسىلەن: سەمىمىي بولۇش، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، كېسەللەرنى يوقلاپ ھال - ئەھۋال سوراش، مۇلايىم، ئوچۇق چىراي، شېرىن سۆزلۈك بولۇش، ئاتا - ئانا، ئۇستازلىرىنى ھۆرمەت قىلىش، خەلق يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق، گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىدە مۇشۇنداق گۈزەل ئەخلاقلىقنى يېتىلدۈرگەن كىشى مۇراد - مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
باشقىلارنى بىر قېتىم ئالدىساڭ، ئۆزۈڭنى ئۆمۈر بويى ئالدايسەن.
يالغان سۆزلەش ئالدامچىلىقنىڭ تۇنجى قەدىمى.
سەمىمىيلىككە سۆز، گۈزەللىككە پەرداز ھاجەتسىز.
دوستلار ئىشەنچىگە ئېرىشىشتە سادىقلىققا تايىنىش، خاتالىقىنى تۈزىتىشتە سەمىمىيلىككە تايىنىش كېرەك .
ئالدىراپ قىلغان ئىشنىڭ ئۆمرى قىسقا.
ئۆزىگە ئىشەنچ باغلىغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.
سەۋىر __ ئىككىنچى ئەقىلدۇر.
كۆپنى بىلگۈچىلەر ئەمەس، بىلىمى مەنپەئەت بەرگۈچىلەر دانادۇر.
يوقسۇزلۇقتىكى دوست ئايرىلمايدىغان دوست.
ئەقىلسىز باشنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى