قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىشلىق بالون ئالماشتۇرۇشقا سەل قارىماڭ

2017-11-29 19:11:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىسى، بولۇپمۇ دالا ئاپتوموبىل ئىگىلىرى يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىلغا قىشلىق بالون ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز دەپ قارايدىكەن، بۇ خىل قاراش توغرىمۇ؟ تۆت پەسىللىك بالون بىلەن قىشلىق بالوننىڭ ماتېرىيالى ھەم سىزىقچىلىرىدا روشەن پەرق بولىدۇ، قىشلىق بالون نۆلدىن تۆۋەن يىگىرمە سېلسىيە گىرادۇستا يەنىلا ئەۋرىشىمچانلىقنى ساقلايدۇ، تۆت پەسىللىك بالونلار بولسا قېتىۋالىدۇ. قىشلىق بالونلارنىڭ سىزىقچىلىرى قار-مۇزلۇق يوللاردا يۈرۈش، تورمۇزلاشقا ماسلاشتۇرۇلغان. مۇشۇ ئىككى پەرقتىنلا يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ بالون سىزىقچىلىرى ئۇپرىمىغان تەقدىردىمۇ قىشلىق بالوننىڭ رولىنى ئوينىيالمايدۇ، يېڭى سېتىۋالغان دالا ئاپتوموبىللىرىنىڭ بالونىنى ئالماشتۇرمىغاندا، تۈز يوللاردا چوڭ مەسىلە كۆرۈلمىگەندەك قىلغىنى بىلەن دۆڭگە ياماشقاندا، ئېگىزدىن تۆۋەنگە چۈشكەندە كۈچىيەلمەيدۇ ھەم كۆزلىگەن نۇقتىدا تورمۇزغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن كۆۋرۈكلۈك يوللار ياسالدى، دۆڭگە يامىشىدىغان، پەسكە چۈشىدىغان ئەھۋاللار كۆپرەك، شۇڭا قىشلىق بالون ئالماشتۇرمىغاندا ئاسانلا كەينىگە يېنىپ كېتىش ياكى كەينىدىن سوقۇۋېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، بىخەتەر يول يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
ئائىلىدە ئىشلىتىلىۋاتقان پىكاپلارنىڭ ئالدى چاقى سۆرەيدۇ، شۇڭا پىكاپ ئىلگىرى «ئالدى ئىككى بالوننى ئالماشتۇرساق بولدى، بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل خەجلەپ، تۆت بالۇننى ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز» دەپ قارايدىكەن. بۇ خىل قاراش توغرىمۇ؟ ئالدى ئىككى بالونى قىشلىق بالونغا ئالماشتۇرۇلغان پىكاپلارنىڭ قوزغىلىشىدا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ، بىراق تورمۇز تۇتقاندا، ئالدى- كەينى بالونلارنىڭ ئوخشىماسلىقى، سۈركىلىش كۈچىنىڭ پەرقلىنىشى سەۋەبلىك ئۇزۇنغا سىيرىلىشى ياكى قۇيرۇقى قېيىپ كېتىش، ھەتتا جىددىي تورمۇزلىغاندا ئۆرۈلۈپ كېتىش قاتارلىق ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ.
ئۇنداقتا قانچە قىممىتىنى ئالماشتۇرسا، شۇنچە ئىشەنچلىك بولامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىقتىسادى ئەھۋالنى چىقىش قىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بالونلارمۇ سۈپەت جەھەتتىن ياخشى بولۇپلا قالماي، سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتمۇ ياخشى بولماقتا، شۇڭا ياخشى، ئىشەنچلىك دەپ، نىمكەش بالون ئالماشتۇرغاندىن ئەڭ ياخشىسى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى بالونىنى ئالماشتۇرغان ئىشەنچلىك.
بەزىلەر قىشلىق بالون قار-مۇزلۇق يولدا ئەسقاتىدۇ. قار ياغماي تۇرۇپ بالون ئالماشتۇرغاندا، ماي سەرپىياتى ئېشىپ، بالون ئاسان كونىراپ كېتىدۇ، دەپ قارايدىكەن، قىشلىق بالونلارنى قايسى چاغدا ئالماشتۇرغان مۇۋاپىق؟ قىشلىق بالون ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقتى تېمپېراتۇرا يەتتە سېلسىيە گىرادۇستىن چۈشكەن ۋاقىت، بۇ چاغدا تۆت پەسىللىك بالون بارا- بارا قېتىۋېلىپ، سۈركىلىشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ، قىشلىق بالونلار سوغۇققا ماسلىشىشچان ماتېرىيال ھەم ئۆزگىچە سىزىقچە بىلەن لايىھىلەنگەچكە، نەم، سوغۇق يولدا ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى سۆرەش، تورمۇزلاش، ئەگىلىش، يەر يۈزى سۈركىلىش كۈچى جەھەتلەردە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، قىشلىق بالوننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ۋاقتى دەل قار ياغقان مەزگىل.
    قىشلىق بالون ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ بەزىدە تورمۇزلاش ئۈنۈمى نېمىشقا ياخشى بولمايدۇ؟ بالون مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، ھەر قانداق ماركىدىكى تۆت پەسىللىك بالونلار سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىردا كېتىۋاتقاندا، قۇرغاق يول يۈزىدە تورمۇز تۇتقاندا بەش مېتىر ئارىلىقتا توختايدىكەن، قار- مۇزلۇق يولدا 15 مېتىردا ئاران توختايدىكەن، قىشلىق بالون ئالماشتۇرۇپ ئوخشاش سۈرئەتتە تورمۇزلىغاندا سەككىز مېتىر بىلەن 15 مېتىر ئارىلىقتا توختايدىكەن. دېمەك، قىشتىكى قار- مۇزلۇق يولدا قىشلىق بالونلوق ئاپتوموبىلنى تورمۇزلىغاندا، تۆت پەسىللىك بالونلوق ئاپتوموبىلغا قارىغاندا تورمۇزلىنىش ئارىلىقى 30 پىرسەنتتىن 50 پىرسەنتكىچە قىسقىرايدۇ، ئەمما يازدىكى قۇرغاق يولدا تورمۇزلىغان ئۈنۈمگە يېتەلمەيدۇ، قوزغىلىش ياكى تورمۇزلاشتا بولسۇن، بىراقلا كۈچەپ كەتسە، قىشتا يەنىلا بىخەتەر قاتناشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. قىشلىق بالون پەقەت ياردەمچىلىك رولىنى ئوينايدۇ.
شۇڭا، بىخەتەرلىك ئۈچۈن تېمپېراتۇرا يەتتە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەندىلا قىشلىق بالون ئالماشتۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى