قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرمۇشقا كۈلۈپ قاراڭ

2017-11-29 19:24:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۇرمۇش شارائىتى ناھايىتى ياخشى بىر ئادەمنىڭ دائىم ئاغرىنىپلا يۈرىدىغان ئەسكى ئادىتى بار ئىكەن. ئۇ ھەممىلا ئىشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراۋاتقاندەكلا يۈرۈيدىكەن، كۆرگەنلا ئادەمگە ئۆزىنىڭ دەردىنى سۆزلەپ كېتىدىكەن، ئۆزىنى گويا بىر دۆۋە غەم ـ ئەندىشە ۋە ئوڭۇشسىزلىق بېسىۋالغاندەكلا كۆرسىتىكەن، ھېچقانداق ئىشتىن رازى بولمايدىكەن، نەتىجىدە، كىشىلەر ئۇنىڭ قاقشاشلىرىدىن بىزار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشماس بولۇۋاپتۇ. 
 سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىمۇ ئاشۇنداق ئادەم بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا، ئۇنىڭ سىزگە كۈندە سۆزلەپ بېرىدىغىنى كۆڭۈلسىز ئىشلار ۋە ئاغرىنىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قاقشاپ بەرگەنلىرى سىز بىلەن بىزنىڭ نەزەرىمىزدە ئەرزىمەيدىغان ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلاردىن ئىبارەت، خالاس.  ھەر قانداق ئادەم ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىماي قالمايدۇ، ئەقىللىق ئادەملەر بۇنداق چاغدا مېيىغىدا كۈلۈپ قويىدۇ، چۈنكى بەزى ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەزى ئىشلارنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، يەنە بەزى ئىشلارنى ئالدىنئالا پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. قۇتقۇزۇشقا بولىدىغانلىرىنى چوقۇم ئامالنىڭ بارىچە قۇتقۇزۇۋېلىش كېرەك. ئۆزگەرتىشكە مۇمكىن بولمايدىغانلىرىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىش، قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلارنى قىلىش كېرەك.
 بىراق بەزى ئادەملەر خۇددى يۇقىرىقى ھېكايىدىكى رەنجىگەك ئادەمگە ئوخشاش كۆڭلىگە ياقماي قالغان ئىشلارنى ئۇزاققىچە تەگەپ يۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتى ۋە كەيپىياتىنىمۇ بۇزۇۋالىدۇ. پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى، بۇنداق روھىي كەيپىيات ئىچىدە، ئۇنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈش نىسبىتى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، دەردنىڭ ئۈستىگە يېڭى دەردلەر  قوشۇلىۋېرىپ «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەكلا ئىش بولىدۇ. ئۇنىڭ كاللىسىنى «مەن نېمانداق شور پېشانىدۇرمەن، قابىلىيىتى ماڭا يەتمەيدىغانلار نېمانداق تەلەيلىكتۇر؟...» دېگەن خىياللار چىرمىۋالىدۇ.
 «ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن» دېگەن بۇ گەپ كىشىلەرنىڭ سەمىمىي تىلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. لېكىن بىز ئۇنىڭ پەقەتلا بىر گۈزەل تىلەك ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي تۇرمۇشتا ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. بىز ھەممە ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىمەن، دېيەلمەيمىز. لېكىن تىرىشىپ بېقىشىمىز، ۋاز كېچىشكە تېگىشلىكلىرىدىن ۋاز كېچىشىمىز، بىر مۇنچە ئەخلەتنى قەلب دەرۋازىمىزنىڭ ئالدىغا دۆۋىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. قارا بۇلۇت چىرايىمىزنى توسۇۋالمىسۇن، ئېغىزىمىز خاپىلىغانلىقنىڭ ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ قالمىسۇن، بولمىسا بىزنى تېخىمۇ نەس بېسىپلا قالماستىن، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىمۇ بىزار قىلىپ قويىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى