ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇھىت ۋە بالىلار تەربىيەسى

2017-11-30 17:05:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەلۇم بىر كىشىنىڭ 13 ياشلىق ئوغلى ئۆيدە ھېچقانداق ئىش قىلمايدىكەن، كىيىمنىمۇ ئاتا- ئانىسى كىيگۈزۈپ قويىدىكەن، تاماقنى ئاتا- ئانىسى يېگۈزىدىكەن، بىرەر ئىش كۆڭلىدىكىدەك بولمىسا، ئاتا- ئانىسىدىن نارازى بولۇپ، ۋارقىراپ- جارقىراپ ئۆينى بېشىغا كىيىدىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى مەسلىھەتلىشىپ، بالىسىنى باشقا بىرسىنىڭ ئۆيىدە ۋاقىتلىق تۇرغۇزۇپ، مۇھىت ئالماشتۇرۇپ سىنىماقچى بولۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يازلىق تەتىل كېلىشى بىلەنلا بالىسىنى بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە يولغا ساپتۇ. دادىسىنىڭ دوستى بالىنى كۈتۈۋاپتۇ ۋە ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ، تولىمۇ مېھرىبانلىق بىلەن «مەن دادىڭىزنىڭ دوستى، دادىڭىز بىزنىڭكىدە يازلىق تەتىل توشقۇچە تۇرىدىغانلىقىڭىزنى، ئوبدان ئاتىدارچىلىق قىلىشىمنى تاپىلىدى. ئەمما، مېنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا ياردەم قىلىش مەسئۇلىيىتىم يوق، بىز بىر- بىرىمىزگە يۆلىنىۋالماسلىقىمىز لازىم. سىز بۇ يىل 13 ياشقا كىردىڭىز، تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىڭىز چىقالايسىز. شۇڭا، ئەتىدىن باشلاپ ئۆزىڭىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، ناشتىلىقىڭىزنى ئۆزىڭىز تەييارلاڭ، چۈنكى مېنىڭ خىزمىتىم بەك ئالدىراش. تاماقتىن كېيىن قاچىنى ئۆزىڭىز يۇيۇڭ» دەپتۇ.
بىر ئايدىن كېيىن بۇ بالا تەتىلنى توشقۇزۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا ھەيران قاپتۇ. چۈنكى، بۇ بالا پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنىكەن. ئۇ ئۆي تازىلاش، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزى قىلىدىغان بوپتۇ، ھەتتا باشقىلارغىمۇ ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىدىغان، ئاتا- ئانىسىنى بۇرۇنقىدىن بەكرەك ھۆرمەتلەيدىغان بوپتۇ.
بىز بۇ باياندىن مۇھىتنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى تەسىرىنىڭ چوڭلۇقىغا سەل قارىماسلىقىمىزنى، مۇۋاپىق پەيتتە ئۇلارغا مۇھىتنى ئۆزگەرتىپ، سىناپ كۆرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمىز.
چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكى ۋە يىراق سەھرالاردىكى تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىشى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئاز بالىلاردا ئاتا- ئانىسى، جەمئىيەت، مەكتەپتىن ئاغرىنىدىغان ناچار خاھىش يېتىلىپ، ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بالىلاردا بەخت سېزىمى تۆۋەنلىسە، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا، ئۆگىنىشكە ۋە كەلگۈسىگە بولغان قىزغىنلىق سۇسلىشىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار تۇرمۇشتا چۈشكۈنلىشىپ، ئۆگىنىشتە چېكىنىدۇ. بالىلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنىش بىلەن بىللە، ئۆزلىرىدە بەخت سېزىمى يېتىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بالىلارنى ھېيت- ئايەم، بايرام ۋە تەتىل، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يۇرتىمىزدىكى گۈزەل تاغ- دەريالار، سەھرالاردىكى جانلىقلار، چەكسىز كەتكەن چۆللۈكلەر ۋە خىلمۇ- خىل ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇڭ. ئۇلار جانلىقلارنى، ئۇچار قۇشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىسۇن. خىلمۇ- خىل ئۆسۈملۈكلەرنى، گۈل- گىياھلارنى ئۆز قولى بىلەن تۇتسۇن، ئۇلارنىڭ پۇرىقىنى قانغۇچە پۇرىسۇن. ئۇلار يەنە ئۆزلىرى تېخى بىلمىگەن، بىلىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن يېڭىلىقلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، مۇرەككەپ كىشىلىك تۇرمۇشقا، ھاياتقا تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىسۇن، ئىنسانىي تۇرمۇشنىڭ تولىمۇ گۈزەللىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلسۇن.
بىزدە بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە جىق ئەركىلىتىدىغان يامان ئادەت بار. نۇرغۇن ئاتا- ئانا چوڭلا بولۇپ قالغان بالىلىرىنىمۇ كىچىك بالا ئورنىدا كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئائىلە مۇھىتى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يامان تەسىر بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىلىرىمىزغا كىچىك بالىغا ئەمەس، چوڭلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.
تۇرمۇشىنى كۆزەتسەك، بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە خۇددى چوڭلاردەك مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇلار ھەتتا تېخى مەكتەپ يېشىغىمۇ توشمىغان بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ دوستىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ. بالىلىرىنىڭ پىشمىغان چۈچۈك گەپلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ، ھەر قانداق سوئالىنى جاۋابسىز قويمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئۆزىنى كىچىك دېمەي، چوڭ- كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۆزىنىڭ خالىغان ئويلىرىنى ئاتا- ئانىسى بىلەن بىمالال ئورتاقلىشالايدىغان بولىدۇ.پەرزەنت تەربىيەسىدە ئائىلە مۇھىتى بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، ئاتا- ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئاجىز بولسا، نۇرغۇن ئىشتا بالىلىرىغا ئۈلگە بولالمايدۇ. ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ يېنىدا ھەر بىر ئىش- ھەرىكەتتە ئۇلارغا ياخشى تەسىر بېرىپ، بالىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىش- ھەرىكىتىدىن پەخىرلەندۈرەلىشى لازىم. ئەگەر يولدىشىڭىزغا ۋارقىراپ- جارقىراشنى ئادەت قىلىۋالغان بولسىڭىز، بالىڭىز سىزگىمۇ ۋارقىراپ- جارقىرىسا ئەجەبلەنمەڭ. چۈنكى، بالىڭىز سىزدىن ئۆرنەك ئالىدۇ. دېمەك، بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە جەمئىيەت، مەكتەپ، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئائىلە مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ رولى بەكمۇ مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە مۇھىتىنى ياخشىلىشىمىز، بالىلارنىڭ يېنىدا قىلىنغان ھەربىر ئىشنىڭ، سۆزلىگەن ھەر ئېغىز سۆزنىڭ ئۇلارغا قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز، ھەممىدە ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى