قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سالغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك

2017-11-30 19:21:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

»بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن شەكىللەندۈرگەن يېڭى سودا يولى ۋە ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىق تۈرى، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋە يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ئىسلاھاتنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كاپىتالنى سىرتقا چىقىرىشتىكى مۇھىم پۇرسىتى. بۇنداق دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا مەبلەغ سېلىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى، ئىقتىسادى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغاچقا، بۇ جايلارغا مەبلەغ سېلىشتا دۇچ كېلىدىغان خەتەرگە سەل قارىماسلىق كېرەك.
 1- خەۋپ- خەتەرنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك مەبلەغ سېلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشتا تەدبىر بەلگىلەش تارماقلىرى بىلەن مەبلەغ سالغۇچى سۇبيېكت ئوتتۇرىسىدا ۋە تەدبىر بەلگىلەش تارماقلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇچۇر مەنبەسى بىرلىككە كەلمەسلىك، ئۇچۇر سۈپىتى تەكشى بولماسلىق، ئۆزئارا ئۇچۇرلاردىن ھەمبەھرىلىنىش ئۈنۈملۈك بولماسلىق، مەبلەغ سالغۇچى سۇبيېكتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە بولغان خەۋپ- خەتەرنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭا، يۇقىرى دەرىجىلىك، نوپۇزلۇق، ھەمبەھرىلىنىشكە بولىدىغان ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ چىقىش لازىم. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا چېتىلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، تەرەپلەرنىڭ خەۋپ- خەتىرىمۇ ئوخشاش بولمىغاچقا، بۇ «خەۋپ- خەتەر» نى پەرق قىلىشنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنىڭ ئاكتىپ رولىنى كۈچەيتىپ، لىنىيەدىكى ھەرقايسى دۆلەت رايونلىرى، ئىككىلەمچى ئورۇندىكى رايونلارغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مەتبۇئات قاتارلىق سۇپىلارنىڭ قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس «بىر بەلباغ، بىر يول» كۆپ تەرەپلىمىلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ھەم ئايرىم- ئايرىم زىممىسىگە ئېلىش ۋە تولۇقلىما مېخانىزمى قۇرۇش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش كېرەك.
 2- ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە مېخانىزم قۇرۇلۇشىدىكى ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ئالدى بىلەن مەبلەغ سالغۇچى سۇبيېكتلارنىڭ باشقۇرۇش، مالىيە، قانۇن جەھەتلەردە چوقۇم يېتەرلىك ئىختىساسلىقلار ۋە كېرەكلىك بىلىم تەييارلىقى بولۇشى، بولۇپمۇ ئاساسىي ئەسلىھە تۈر باشقۇرۇشى، دۆلەت ھالقىغان قانۇن ئىشلىرى، خەلقئارالىق كاپىتال ئايلىنىش، خەلقئارالىق ئىشلارنى تەڭشەش قاتارلىق ساھەلەردە تەجرىبىلىك ئىختىساسلىق خادىملىرى بولۇشى، بۇ خادىملار تۈر مەبلىغىنىڭ خەتىرىنى كونترول قىلىشى لازىم.
 3- پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇھىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى دائىرىسىدىكى پۇل مۇئامىلە خەتىرىنى تۈگىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلاردا پۇل مۇئامىلە خەۋپىدىن ساقلىنىش قورالىنى ئېچىپ پايدىلانغاندىن باشقا، سىياسىي قاتلام ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش تارماقلىرى نۇقتىسىدىن، بۇ رايونلارنىڭ كۆپ تەرەپلىك ۋە قوش تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت تەرەپ پۇل مۇئامىلە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىش خەتىرى ۋە خەلقئارا كىرىم- چىقىم خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە، مەبلەغ سالغۇچى ساھىبخانا دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىغىمۇ كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
 4- قانداق مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كارخانا «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشتا، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەمراھ ئىزدىشى كېرەك. بۇ، شۇ جاينىڭ مۇھىتىغا پىششىق بولۇش ۋە شۇ جاينىڭ يەرلىك بايلىقىدىن پايدىلىنىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ ھەم كارخانىنىڭ بىر قىسىم خەتەر ۋە زىياندىن ساقلىنىشىغا پايدىلىق. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۆلىتىمىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، بۇ تەشەببۇس لىنىيەدىكى دۆلەتلەر قاتناشقاندا ۋە ھەمكارلاشقاندا ئاندىن ھەقىقىي ئىشقا ئاشىدۇ، بىراق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بايلىق مەنبەسى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، ئىقتىسادىدا پەرق چوڭراق، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، بولۇپمۇ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە مەبلەغ سالغاندا، مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى ۋە چۈشىنىشى، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى تولۇق ئويلىشىشى، جانلىق، ماس كېلىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى لازىم. مەيلى بايلىق ئېچىشتا بولسۇن ياكى ئەمگەك كۈچىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ پايدىلىنىشتا بولسۇن ۋە ياكى ساھىبخانا دۆلەتلەردە تېخنىكا ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا بولسۇن، ساھىبخانا دۆلەتنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈشى، ساھىبخانا دۆلەتنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، باج ۋە مۇۋاپىق تېخنىكا بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى