قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەڭ قەدەمدە ھاللىق تۇرمۇشقا يۈرۈش قىلىش

2017-12-01 17:26:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئارالتۆپە بازىرىنىڭ قاراياغاچ كەنتىگە كېلىشىمىز بىلەن، ئالدى بىلەن يول بويىدىكى ئۆزگىچە رىشاتكىلار، رەتلىك ئورنىتىلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك كوچا چىراغلىرى، شامالدا لەپىلدەۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. كەنت مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ ئالدىغا چېنىقىش ئەسلىھەلىرى رەتلىك ئورنىتىلغان بولۇپ، بىر نەچچە ياشانغان كىشى بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتاتتى. مەدەنىيەت ئۆيىدە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىدى، يېزا سەھنىسى، ۋاسكېتبول مەيدانى، تىكتاك توپ شىرەسى، قىرائەتخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.

مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ يېنىدا مال سېتىۋېلىش، يوللانما ئەۋەتىش- تاپشۇرۇۋېلىش، ھەق تاپشۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزى بار ئىدى، مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بىسارا كاۋلۇنباي مۇنداق دېدى: قازاقلارنىڭ شىرداق، نازۇ نېمەتلىرى ۋە ئورگانىك يېشىل مەھسۇلاتلىرىنى ئالاقە تورى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سىرتىغا چىقارماقچى بولۇۋاتىمەن.

مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا يەسلى بار بولۇپ، يەسلى قورۇسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چوڭ سىيرىلغۇچ قويۇلغانىدى، سىنىپتا ھەر خىل ئويۇنچۇقلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق قازاق بالا «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۆلەت تىلى، ناخشا- ئۇسسۇل ئۆگىنىۋاتاتتى...

بۇ ئىككى يىلدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى خۇددى باھار يامغۇرىدەك دېھقان- چارۋىچىلارنى نەپكە ئېرىشتۈردى، 1 مىڭ 620 نامرات ئائىلىگە نامراتلارنى يۆلەش چارۋىسىدىن 10 مىڭ 77 سى، نامراتلارنى يۆلەش ئۆي قۇشىدىن 32 مىڭى ھەقسىز بېرىلدى؛ 1 مىڭ 258 نامرات ئائىلە ئىككى ئېغىزلىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى؛ 2 مىڭ 900 دىن ئارتۇق نامرات ئائىلە 120 مىليون يۈەن كېپىلسىز، رەنىسىز، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئېلىپ، كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلەتتى؛ 500 دىن ئارتۇق نامرات ئوقۇغۇچى جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياردىمىگە ئېرىشتى؛ ياشانغانلار، ئاجىزلار، كېسەللەر، مېيىپلەر بار 800 دىن ئارتۇق ئائىلە ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، 580 نامرات كىشى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا چىقتى؛ يېڭىدىن 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول ياسىلىپ، 812 ئائىلىنىڭ يول يۈرۈش قىيىنچىلىقى ھەل قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، چوڭ، ئوتتۇراھال شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقە كۈچەيتىلدى؛ ئالتە ئورۇندىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى 5 مىڭ 799 كىشىنى بىخەتەر سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ناھىيەدىكى 52 مەمۇرىي كەنتنىڭ ھەممىسى خەۋەرلىشىش تورى، يەسلى، داۋالاش ئۆيى، مەدەنىيەت ئۆيى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاندى.

بۇ يىل چىڭگىل ناھىيەسى پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەت يۆلەش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتە يۆلەش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، نامراتلارنى ئېلېكتىرون سودا جەھەتتە يۆلەش، چېگرا رايوندىكى نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ناھىيەدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ كىرىمىنى سىجىل كۆپەيتتى.

ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كىشىلەر تەڭ قەدەمدە ھاللىق تۇرمۇشقا يۈرۈش قىلماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى