ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماناسنىڭ بىر قىزىل، بىر ئاق كەسپى دېھقانلارنى شاتلاندۇردى

2017-12-01 17:27:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاقبالداقتەك ئېچىلىپ كەتكەن پاختا دېڭىزىنىڭ چېتىگە كۆز يەتكۈسىز، شوخلا ئېتىزلىرىدىكى قىپ- قىزىل قىزارغان شوخلا مېۋىسى كۆزنىڭ يېغىنى يەيتتى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدا پاختا يىغىۋېلىش كومبايىنىدىن ئىككىسى ئۇ باشتىن بۇ باشقا چېپىپ يۈرۈپ ئاقبالداقتەك ئېچىلغان پاختىلارنى يىغىۋېلىۋاتاتتى. تىرىلگەن پاختىلارنى ئۇدۇللۇق توشۇۋاتقان 3 پاختا توشۇش ماشىنىسىمۇ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. ئالتۇن كۈزنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن مول ھوسۇللۇق بۇ پەسىلدە، ماناس ناھىيەسىنىڭ لوتۇيى بازىرى شاڭجۇاڭزى كەنتىدىكى پاختىكار دېھقان ۋاڭ داگاڭنىڭ يۈزلىرىدە تەبەسسۇم جىلۋېلىنىپ، كۆزلىرى باشقىچە نۇرلىنىپ، خوشلۇقى ئاپتاپتا قارايغان يۈزلىرىگە مانا مەن دەپ تېپىپ چىققانىدى.

10- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋاڭ داگاڭ خوشلۇقىنى يوشۇرمايلا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا 120نەچچە توننا پاختا يىغىۋالدىم، ھەر كىلوگرامىنى 6 يۈەن 1مودىن ساتتىم دېگەندىمۇ، 700 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىمدا گەپ يوق. ئىلگىرى ھەر بىر ئائىلە ئۆز ئالدىمىزغا تارقاق ئىگىلىك باشقۇرغاچقا، چوڭ تىپتىكى مۇنداق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتەلمەيتۇق، پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشمۇ تەس بولغاچقا، يەرلەرنىڭ ھوسۇلى دېگەندەك چىقمايتى. بىز بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن ئىككى يىل بۇرۇن 30 مو كېۋەز تېرىپ، يىلبۇيى پالاقشىغان بىلەن تۈزۈكرەك پۇل تاپالمىغانتۇق.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماناس ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا كۆرىنەرلىك ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن لوتۇيى بازىرى شاڭجۇاڭزى كەنتىدىكى دېھقان ۋاڭ داگاڭ بۇلتۇر 3 مىڭ مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، «يىنۇڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپى» نى قۇردى ھەمدە كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق ئۇسۇلى، ئاپتوماتىك سۇغۇرۇش، ماشىنىلاشقان پاختا يىغىۋېلىش يېڭى ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى دېھقاندىن بىراقلا يېڭىچە كەسىپلەشكەن دېھقانغا ئۆزگەردى.

ۋاڭ داگاڭ مۇنداق دېدى: 3 مىڭ مو يەرنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى چىگىتلىك پاختا مەھسۇلاتى 480 كىلوگرام بولدى دەپ ھېساپلىغاندىمۇ، ساپ كىرىمى 9 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ. بۇنى قانداقمۇ ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولسۇن، بۇرۇنلاردا 30 نەچچە مو يەردىن بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن بېرى كېلەلمەيتۇق، ھازىر 3 مىڭ نەچچە يۈز مو يەرنى تۆت ئادەم بىمالال باشقۇرۇپ كېتىۋاتىمىز.

ۋاڭ داگاڭ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يىل پاختىدىن مول ھوسۇل ئالدۇق، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ماناس ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىش، بازارنى مۆلچەرلەپ تېرىقچىلىق قىلىش يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ، بىز پاختىكار دېھقانلارنىڭ قەلبىنى يورۇتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ناھىيە بويىچە بىر تۇتاش سورت تاللاش، بىر تۇتاش خېمىيەلىك كونتىرول قىلىش، بىر تۇتاش كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تۇتاش ئوغۇتلاش، بىر تۇتاش ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋېلىشتەك «بەش بىر تۇتاش» باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانا، ھەمكارلىق كوپراتىپى، دېھقانلار ھەمكارلاشقان ئەندىزىنى قوللىنىپ، پاختىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپەت، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

 لوتۇيى بازىرىنىڭ شاڭجۇاڭزى كەنتىدىكى زامانىۋىيلاشقان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا كەلگەندە، مۇخبىر چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىۋېلىش كومبايىنىنىڭ ئاقبالداقتەك ئېچىلىپ كەتكەن كېۋەز ئېتىزىدا ئۇياقتىن بۇياققا چېپىپ يۈرگەنلىكىنى، يەنە بىر چەتتە چوڭ تېپتىكى شوخلا يىغىۋېلىش ماشىنىسىنىڭ جىددى مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

شوخلا يىغىۋېلىش ماشىنىسى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، قىپ- قىزىل شوخلىلار يىغىش خالتىسىغا چۈشەتتى. شاڭجۇاڭزى كەنتىدىكى ۋۇ شىنمىن ئۆز ئائىلىسىنىڭ 500 مو شوخلا ئېتىزىدىكى شوخلىلارنىڭ يىغىپ بولۇنغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغاچقا، چىرايىدا مەمنۇنىيەت تەبەسسۈمى يالتىرايتى.

ۋۇ شىنمىن مۇنداق دېدى: 500 مو شوخلىزارلىقىمنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 7 توننىدىن ئېشىپ، جەمئىي 3 مىڭ 500 مىڭ توننىدىن كۆپرەك مەھسۇلات چىقتى، ساپ پايدامنى مۆلچەرلىسەم 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپتۇ. بۇ يىل تېرىغان شوخلىلىرىم گەرچە يۇقىرى تېمپىراتۇرىلۇق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىۋېلىشتا يېڭى تېخنىكا قوللانغاچقا، يەنە كېلىپ ئەتىيازدا مايسا كۆچۈرۈشتىن تارتىپ شوخلا مېۋىسىنى يىغىۋېلىشقىچە تولۇق ماشىنىلىشىش ئىشقا ئاشقاچقا، تەننەرق تېجىلىپ كىرىمىم ئاشتى. ھازىر بىز دېھقانلار ھەقىقەتەنمۇ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمان بولىۋاتىمىز، يېزا ئىگىلىك ماشىنا- ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالساق تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ئۇرۇقلۇققا تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ئادەم كۈچى بىلەن قىلىدىغان ئىشلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك، ئىلگىرىكىدەك ئېتىز بېشى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار بۇ يىل كۆرۈلمىدى، ھازىر يەرلىرىمىزدە پۈتۈنلەي دېگۈدەك ماشىنىلاشقان مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز، مەن دۆلىتىمىزنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەقىقەتەنمۇ ماختىماي تۇرالمايمەن...

ۋۇ شىنمىن يەنە مۇنداق دېدى: مېنى ئەڭ پەخىرلەندۈرىدىغىنى-- بۇ يىل 500 مو شوخلا ئېتىزىمدا يىراق مۇساپىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق چۈشۈرگۈ ئۆلچەپ كونتروللاش تېخنىكىسى قوللىنىلىدى، يان تېلېفون APP كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئۆيدىن چىقمايلا ئېتىز- ئىرىق سۇغىرىشىنى يىراقتىن كونترول قىلىش ئىشقا ئاشتى. يەنە سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ تەقسىملەش، سۇ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ئىشقا ئېشىپ، سۇ بايلىقى، ئادەم بايلىقىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقى تۆۋەنلىدى.

 ۋۇ شىنمىن گڭپىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گۈرجەك، رىزىنكە ئۆتۈك، قۇل چىراق ئىلگىرى يەرلەرنى سۇغۇرۇشىمىزدە كىرەكلىك ئۈچ چوڭ گۆھەر سانىلاتتى، ھازىر بۇ زامانىۋىيلاشقان سۇغۇرۇش رايونلىرىدىكى دېھقان ئۆيلىرىدە بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى، يېزا ئىگىلىكىدە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېڭى تېخنىكىلارنىڭ توپلىما قوللىنىلىشى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە بۇ بىر يۇقىرى پەن- تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن تېرىقچىلىق تەننەرقى توختالغۇسىز تۆۋەنلىدى. بۇندا مەھسۇلات ئۆسۈپ، تەننەرق تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى ئۆز نۆۋىتىدە بىز دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ماناس ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ چىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ماناس ناھىيەمىزدە 780 مىڭ مو كېۋەز تېرىلدى. يەنە كىلىپ ھەممىسىدە ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق، يىغىۋېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدى. پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئىبارەت مۇشۇ بىر تۈردىنلا دېھقانلىرىمىزنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 450 يۈەندىن ئاشتى.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى