قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئورتاق بېيىش يولىدا قول تۇتۇشقان قوشنىلار

2017-12-01 17:52:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق يېزىسى كونا بوز كەنتىدە، خەنزۇ ئاھالە ئوۋياڭ لىلى بىلەن ئۇيغۇر قوشنىسى ئوسمان قادىر 16 يىلدىن بۇيان ئۆز- ئارا ياردەم بېرىپ، ئورتاق بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

18 يىل ئىلگىرى، ئوۋياڭ لىلى خېنەن ئۆلكىسىدىن توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق يېزىسى كونا بوز كەنتىگە كېلىپ، يەر ھۆددىگە ئالىدۇ ھەمدە ئوسمان قادىر بىلەن قوشنا بولۇپ قالىدۇ. ئوۋياڭ لىلىنىڭ ياردىمىدە، ئوسمان قادىر ئائىلىسىنىڭ كېۋەز ھوسۇلى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.

ئوسمان قادىر مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، ھەر مو يەردىن 100 كىلوگىرامدىن 150 كىلوگىرامغىچە پاختا چىقاتتى. ئوۋياڭ لىلى بىلەن تۇنۇشقاندىن كېيىن، مو بېشى ھوسۇلى 350 كىلوگىرامدىن 400 كىلوگىرامغىچە بولدى. تېرىقچىلىقتا ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. ھەتتا دېھقانچىلىق دورىسىنىمۇ ئۇ تاللاپ بېرىدۇ.

ئوسمان قادىر ئۆزىگە خاس ئۇسۇل ئارقىلىق، ئوۋياڭ لىلىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. 2016- يىلى، ئوۋياڭ لىلى ئائىلىسىنىڭ 150 مو يەردىكى كېۋىزى تەڭلا ئېچىلىپ كەتكەنلىكتىن، يىغىۋېلىشقا ئادەم يېتىشتۈرەلمەي قالىدۇ. بۇنى كۆرگەن ئوسمان قادىر قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ، ئادەم باشلاپ بېرىپ، ئوۋياڭ لىلىغا ياردەملىشىدۇ. ئوۋياڭ لىلى مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، پاختا يىغىش ئىشچىلىرىنى تېپىش تەس بولۇپ كەتتى. ئوسمان قادىر بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ، ئادەم باشلاپ كېلىپ، ماڭا ياردەملەشتى.

ئوسمان قادىرنىڭ بۇ ئىشى ئوۋياڭ لىلىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئورتاق بېيىش يولىدا، ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى يەنىمۇ يېقىنلاشتى. ئوسمان قادىر مۇنداق دېدى: ئوۋياڭ لىلى بىلەن تۇنۇشقاندىن كېيىن، ئىشلىرىمىز ئوڭغا تارتتى. ئۇ بىزنىڭ كېۋەز تېرىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلدى، بىزگە يەر بەردى. بۇنىڭ بىلەن، كىرىمىمىز ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ياشايمىز.

ئوۋياڭ لىلى مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-- كىچىك ئىشلاردىن كۈچىيىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، مۇھەببەت چوڭقۇرلىشىدۇ. ئۆز- ئارا ياردەم بېرىشتە، مىللەت ئايرىمايمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى