قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ «2017-يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە قاتناشقان چەتئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2017-12-02 23:04:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 30- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا «2017- يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن دۇنيا داھىيلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

    سۈرەتتە: شى جىنپىڭ يىغىندىن ئىلگىرى چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30-نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 30- كۈنى خەلق سارىيىدا «2017- يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن دۇنيا داھىيلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە جۇڭگونىڭ دۇنيانى تۈزەشكە قاتنىشىش پىرىنسىپى ۋە تەشەببۇسىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى ھەم چەت ئەللىك مېھمانلار ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى - جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدۇر. بۇ يولدا مېڭىشىمىزنى تارىخ تاللىغان، خەلق تاللىغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، دۇنيادىكى 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، 700مىليوندىن كۆپرەك كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئەمەلىيەت - ھەقىقەتنى سىناشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى. جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا، نەزەرىيەسىدە، تۈزۈمىدە، مەدەنىيىتىدە چىڭ تۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىمدا نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى، دەپ كۆرسەتتىم. ئىلگىرى «بارمۇ- يوق» دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلاتتۇق، ھازىر «ياخشىمۇ- ياخشى ئەمەسمۇ» دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىمىز. بىز تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان كۆپ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ۋە ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىمىز. 2050- يىلىغا بارغاندا جۇڭگونى باي- قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى زور كۈچ بىلەن قوزغىتىپ، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتىمىز. بىز تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ئىشىكنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو ئىشىكنى تاقىۋالمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار، بىراق ناھايىتى ئاددىي- ساددا بولۇپ، تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، بارلىق جۇڭگولۇقلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. بۇ نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز كامىل.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تارىختىن بۇيان، ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆزى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. دۇنيادا ھەممىگە باب كېلىدىغان تەرەققىيات يولى يوق. ئەگەر ھەرقانداق ئىش، ھەرقانداق نەرسە ئوخشاش بولغاندا، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ يۈكسىلىشىمۇ توختاپ قالىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يولىنىڭ مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق ئەمەسلىكى توغرىسىدا شۇ دۆلەت خەلقىنىڭلا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. جۇڭگو مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئالماشتۇرۇش- ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، بىرلىكتە ئالغا بېسىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا بىر يەر شارى كەنتى، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر- بىرىگە ئۆزئارا بېقىنىپ، بىر- بىرىگە زىچ باغلىنىپ تۇرىدۇ. جۇڭگو يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىشنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ، يېڭى دەۋر جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىنتىلىش نىشانى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىش يۆنىلىشى. يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئادىل- ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەنئەنىۋىلىشىپ كەتكەن كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان ئورمانلىق قائىدىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، قارشىلاشماي سۆھبەتلىشىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغان دۆلەتلەر ئارا ئالاقىلىشىشنىڭ يېڭىچە يولىدا مېڭىش كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش كېرەك. جۇڭگو ئارزۇسىغا جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇمىيلىقى مۇجەسسەملەنگەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، گۈللىنىشكە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇمىيلىقى مۇجەسسەملەنگەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاققىچە مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، بۇنىڭ ئۆزىمۇ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قوشقان تۆھپە ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو باشتىن- ئاخىر تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، ھەرگىزمۇ دۆلەت قۇدرەت تاپسا زومىگەر بولىدىغان يولدا ماڭمايدۇ. بىز ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارانىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغدايمىز، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى باشقىلارغا تېڭىشقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرىمىز. خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەزەلدىن دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى شەرت قىلمايمىز. جۇڭگو دۇنيانىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىجابىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەنپەئەت نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتەك تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو يەر شارىنى ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن قاتنىشىپ، ئىگىلىك ھوقۇقى باراۋەر بولۇش، ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتا، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە، مۇقىملىقنى قوغداشتا، تەدرىجىي يولغا قويۇش، ئىسلاھات- يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ، ئۈستۈنلۈك جەھەتتە بىر- بىرىنى تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو تىرىشىپ يارىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ب د ت نىڭ تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى» ۋە ب د ت 2030- يىلىغىچە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا داھىيلار ئىتتىپاقىدىكى يېڭى، كونا دوستلار بەش قىتئەدىن كەلگەن بولۇپ، ھەممىسى جۇڭگو بىلەن باردى- كەلدى قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى، بۇنىڭدىن بەكمۇ مەمنۇنمەن. دوستلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك ئەقىل- تەدبىر كۆرسىتىشىنى، جۇڭگو خەلقى بىلەن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لاتۋىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، دۇنيا داھىيلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى فرىبېرگا، ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سابىق رەئىسى پرودى، چىلىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لاگوس، نىگېرىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباسانجو، ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىپى بانكىمون، ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى يۇكىئۇ خاتوياما، ئاۋسترالىيە- جۇڭگو دوستلۇق ئالاقىسى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جۇ زېرۇڭلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ بەخت ياراتقۇسى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىدىكى رەھبىرىي كۈچ ۋە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىپ، دۇنيا ئىشلىرىدىكى تەسىرى كۈنسېرى زورايدى. جۇڭگو دۇنياۋىلىشىشنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتموسفېرانىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە پائال ياردەم بەردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. جۇڭگو باشلىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە قىلدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى ۋە لايىھەسىنى كۆپرەك ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد- سودا، ئادەمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئالاقە- ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەقەززا بولۇۋاتىدۇ.

  شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  «سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»نى جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە ئاۋسترالىيە- جۇڭگو دوستلۇق ئالاقە جەمئىيىتى 2014- يىلى بىرلىكتە قۇرغان بولۇپ، كۆپ دۆلەتنىڭ سابىق سىياسىي ئەربابلىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس- ئالىملىرى، سودا ساھەسىدىكى زاتلار قاتارلىق ھەر ساھە ئەربابلىرىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. «2017- يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى» 11- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى، «دۇنيانى ئىدارە قىلىش ۋە جۇڭگو تەشەببۇسى»مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى قىلىندى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى