قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2017-يىل ئىچىدىكى 600-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقتى

2017-12-04 19:59:20     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدە 30-نويابىر سائەت 17:00 دە بۇ يىللىق 600-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ پويىز 40 كونتېينېردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭغا كىيىم-كېچەك، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاچىلانغان، بۇ پويىز بەش كۈندە 1990 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى تاماملاپ، ئاخىرىدا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە يېتىپ بارىدىكەن.

ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا ئايان بولۇشىچە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدە نويابىردا جەمئىي 85 جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيانقى ئايلىق ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يولغا چىقىش قېتىم سانى مۇقىم ئاشقان بولۇپ، دەسلەپكى ھەپتىدە بىر نۆۋەتچى پويىز قاتناشتىن ھازىرقى كۈنىگە ئۈچ پويىز قاتناشقىچە زىچلاشتۇرۇلغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى