قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«كۆكچى كۆكتاتلىقىدا ئىتتىپاقلىق مېلودىيەسى»

2017-12-06 17:35:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئۇچتۇرپان بازىرى كۆكچى كەنتىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇدىن ئىبارەت ئۈچ مىللەت ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئۇزاقتىن بۇيان خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بېرىش- كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، بىرلىكتە پارنىك كۆكتاتچىلىقى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېلودىيەسىنى ئۈزۈلدۈرمەي ياڭراتتى. شۇڭا بۇ كەنت ئۇدا نەچچە يىل ۋىلايەت، ناھىيە ۋە بازار بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

بۇ كەنتتىكى كۆكتات تېرىش باشلامچىىسى جېڭ مىڭلياڭ ئائىلىسىدىكىلەر 2009- يىلى يۇرتى خېنەندىن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە ئىشلەمچىلىككە كەلگەن بولۇپ، 2013- يىلى ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىككى مو يەرگە پارنىك ياساپ كۆكتاتچىلىق قىلىپ، شۇ يىلى 25 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇنى كۆرگەن جېڭ مىڭلياڭنىڭ قوشنىسى مەمەتتىمۇ پارنىك كۆكتاتچىلىقى قىلىش ئويى تۇغۇلدى. جېڭ مىڭلياڭ ئىمام مەمەتنىڭ ئويىنى بىلگەندىن كېيىن ئىككىلەنمەستىن ئۇنى «شاگىرت» لىققا قوبۇل قىلدى ھەم ئۇنىڭغا پارنىكتا كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. ھازىر ئىمام مەمەتمۇ بىر يېرىم مو يەردىكى پارنىكقا كۆكتات تېرىپ، يىلدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىغان بولدى. ئىمام مەمەت مۇنداق دېدى: جېڭ مىڭلياڭ ئىنىمىزنىڭ پارنىكتا كۆكتات تېرىش تېخنىكىسى يۇقىرى، ياردەم تەلەپ قىلساقلا دەرھال كېلىپ بىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، چۈشەنمىگەن جايلىرىمىزنى زېرىكمەي چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە قانداق ئىش بولسا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېلىپ ياردەم بېرىدۇ.

بۇ كەنتتىكى خۇيزۇ يىگىت خا مىڭمۇ مەمەتكە ئوخشاشلا جېڭ مىڭلياڭنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ بىرى. ئىلگىرى ئۇنىڭ تۇرمۇشى دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۆزىگە تەۋە بىر يېرىم مو يېرىنى تېرىپ بولسىلا ئاساسەن بىكار يۈرەتتى. خا مىڭنىڭ دائىم بىكار يۈرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھال- كۈنىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرگەن جېڭ مىڭلياڭ ئۇنى ئۆزىنىڭ پارنىكلىرىغا ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلدى. خا مىڭ جېڭ مىڭلياڭنىڭ پارنىكلىرىغا قارىشىپ بەرگەچ كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى ھەم ئۇنىڭدىمۇ پارنىك كۆكتاتچىلىقى قىلىش ئويى تۇغۇلدى. بىراق ئۇنىڭدا پارنىڭ ياسىغۇدەك ئىقتىساد يوق ئىدى. خا مىڭنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەن جېڭ مىڭلياڭ خا مىڭغا 20 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ تۇردى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بەزى ياردەملەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىككى يىل يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر خا مىڭ بىر يېرىم مو يېرىدە پارنىك كۆكتاتچىلىقى قىلىپ قەرزىنى تۈگەتكەندىن باشقا، بانكىغا ئېشىنچا پۇل قويالايدىغان بولدى. خا مىڭ مۇنداق دېدى: جېڭ مىڭلياڭ ئاكام ماڭا ياردەم قىلمىغان بولسا مەن يەنىلا بۇرۇنقى نامرات ھالەتتە تۇرۇۋېرەتتىم، ھازىر قولۇم پۇل كۆردى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال.

جېڭ مىڭلياڭنىڭ تۈرتكىسىدە كۆكچى كەنتى كۆكتاتچىلىق كەنتى، دەپ تەرىپلىنىدىغان بولدى. چۈنكى جېڭ مىڭلياڭنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ كەنتتىكى 20 ئائىلىلىك ئۇيغۇر، ئون ئائىلىلىك خۇيزۇ دېھقان پارنىكتا كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى. ھازىر كەنتتىكى پارنىك 159 غا يېتىپ، بۇ كۆكتاتلىقلاردا داۋاملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېلودىيەسى ياڭراپ تۇرىدىغان بولدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى