قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۆۋەندىكى دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

2017-12-06 17:43:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

زۇكام دورىسى، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى، ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە جىگەر زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

كۆپلىگەن زۇكام دورىسى، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ۋە ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىدا پاراتسېتامول بولىدۇ. ئەگەر ئىككى خىل زۇكام دورىسى ياكى قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى بىلەن ئاغرىق توختىتىش دورىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىچىلسە، بەدەندىكى پاراتسېتامولنىڭ مىقدارى ئېشىپ جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر زىيانغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئېغىر بولغاندا جىگەر زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن ھاجەتخانا تازىلاش دورىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە زەھەرلىك خىلور گازىنى پەيدا قىلىدىكەن.

84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن ھاجەتخانا تازىلاش دورىسى ئارىلاشتۇرۇلسا رېئاكسىيەلىشىپ خىلور گازى ھاسىل قىلىدىكەن، بۇ گاز نەپەس يولى ئارقىلىق بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن نەپەس يولى شىللىق پەردىسىگە زىيان يەتكۈزۈپ توقۇلمىلارنى كۈچلۈك ئوكسىدلاپ، شىللىق پەردىدە ياللۇغ خاراكتېرلىك ئىششىق پەيدا بولىدىكەن.

ھەسەل بىلەن زۇكام دورىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە دورا ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كىتىدىكەن.

زۇكام دورىلىرىدا ئاتسېتامىنوفېن بولىدىكەن، ئۇلار ھەسەل بىلەن ئۇچراشقاندا قىزىتما ياندۇرۇش رولىنى ئاجىزلاشتۇرىدىكەن. شۇڭا يۆتەل توختىتىش قىيامى قاتارلىق تەركىبىدە ھەسەل بولغان دورىلارنى زۇكام دورىلىرى بىلەن بىللە ئىچىشكە بولمايدىكەن.

ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمى بىلەن پاشا قوغلاش سۇيۇقلۇقىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

پاشا قوغلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسىي تەركىبى دېئېت ۋە ئىسپىرت بولىدىكەن، ئەمما ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمىنىڭ تەركىبىدە دى فېنىلكېتون بولىدىكەن، كۆپ مىقداردىكى دېئېت، ئىسپىرت ۋە دى فېنىلكېتون ئارىلىشىپ قالسا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تېرىگە سۈمۈرۈلۈپ ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىقنى پەيدا قىلىدىكەن.

ئاسپىرىن بىلەن گىنگو يوپۇرمىقى تۈرىدىكى دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

گىنگو يوپۇرمىقى كاپسۇلى ۋە گىنگو تابلېتكىسىدا فلاۋون ۋە گىنكلايد تۈرىدىكى تەركىبلەر نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ ئاسپىرىن بىلەن بىللە ئىچكەندە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەگەر يېڭىلا ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولسا قاناشنىڭ خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىسى بىلەن چوڭ ئاپېلسىننى ئارىلاشتۇرۇپ يېگەندە قان بېسىمى تېز تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

چوڭ ئاپېلسىن تەركىبىدىكى بىيولوگىيەلىك ئاكتىپ تەركىبلەر دورىلارنىڭ قانغا سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىدىكەن، بۇ دورىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرغانغا باراۋەر بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، چوڭ ئاپېلسىننىڭمۇ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بولىدىكەن، ئەگەر ئۇ قان بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىلىرى بىلەن بىللە يېيىلسە، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى نەچچە ھەسسە ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە ئاشۇرۇپ، باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى