قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق ساۋاتلىرى

2017-12-06 17:45:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

زۇكام بولۇپ قالغاندا دورىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە يېمەك- ئىچمەكتىنمۇ بەلگىلىك پەرز تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنداقتا زۇكام بولغاندا نېمىلەرنى ئىستىمال قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟

*سۇيۇق- سەلەڭ تاماق يەڭ:

زۇكام بولغاندا ئادەمنىڭ ئۈچەي ۋە ئاشقازان ئىقتىدارى چېكىنىدۇ. بۇنداق چاغدا سۇيۇق-سەلەڭ تاماق ئاسان ھەزىم بولىدۇ ھەمدە ئادەمنى تەرلىتىدۇ. ئەمما، سۇ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ.

*توخۇ بىلەن بېلىق يەڭ:

ئادەتتە بەدەن ئاجىزلاشقاندا، ئاقسىل تولۇقلاش زۆرۈر. توخۇ بىلەن بېلىقتا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار، ئۇنىڭدىكى ئاقسىل ئاسان قوبۇل قىلىنىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

*تۇرۇپ يەڭ:

تۇرۇپ تەركىبىدىكى تۇرۇپ ئېلىمېنتى زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە بەلغەمنى ئازايتىدۇ. تۇرۇپنى چاناپ ئېزىپ قىيام قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئېزىپ قىيام قىلىنغان زەنجىۋىلنى قوشۇپ، ئىلىمان قايناق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئىچىملىك ئورنىدا ئىچسە پايدا قىلىدۇ.

*پىياز بىلەن سامساق يەڭ:

پىيازنىڭ تەمى ئاچچىق، ئەمما ئۇ سوغۇقنى ھەيدەپ زۇكامغا قارشى تۇرىدۇ. باكتېرىيەنى يوقىتىدۇ. پىياز يەنە ئاشقازاننى غىدىقلاپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. سامساق تەركىبىدە گۈڭگۈرت پروپىلېن دەيدىغان ئاچچىق ئېلېمىنت بار. ئۇ كېسەللىك باكتېرىيەسى بىلەن پارازىت قۇرتنى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.

*ھەسەل ئىچىڭ:

ھەسەلنىڭ تەركىبىدە ھەرخىل بىئوئاكتىپ ماددا بار، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، ھەركۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قېتىم ھەسەل ئىچىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئېشىپ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى