قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەيدە ئېچىشىشنى پەسەيتىشتىكى ئاددىي ئۇسۇللار

2017-12-06 17:45:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بەزى كۈنلىرى تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ قورساق قىسمى قاتتىق ئېچىشىپ، بىر خىل ئاچچىق كىسلاتا قورساق قىسمىدىن مەيدە قىسمىغا ئۆرلەپ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. يېقىندا مۇتەخەسسىسلەر مەيدە ئېچىشىشنى پەسەيتىپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان بىر نەچچە ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار تۆۋەندەكىچە:

بانان يېيىش:

بانان بولسا بىر خىل تەبىئىي، كىسلاتاغا قارشى رېئاگىنىت بولۇپ، ئاشقازان ئىچكى دېۋارىغا شىلىمشىق يېپىشقاق پەردە ھاسىل قىلىدۇ. ئەمما %1 كە يېقىن مەيدىسى ئېچىشقان كىشىلەر بانان يېگەندە كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭلاشقا بانان يەپ بولغاندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىنى يەنە ياخشى كۆزىتىش كېرەك.

تاماققا ئازراق زەنجىۋىل سېلىۋېتىش:

تاماققا زەنجىۋىلدىن ئاز مىقداردا سېلىۋەتكەندە مەيدە ئېچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

سېغىز چايناش:

تەتقىقاتلاردا ئېيتىلىشىچە، تاماقتىن كېيىن شېكەرسىز سېغىز كەمپۈتنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا چايناپ بەرگەندە، شۆلگەينىڭ ئاجىرىلىپ چىقىرىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدىكەن.

ئاز مىقداردا سودا سۈيى ئىچىش:

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: سودا سۈيى ئىشقارلىق بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن نېيتراللىشىپ كېتىپ، مەيدە ئېچىشىشنى پەسەيتىدۇ. لېكىن دائىم مەيدە ئېچىشقاندا، سودا سۈيى ئىچسە ئاشقازاننىڭ كۆپۈشىنى، تېخىمۇ بىئارام بولۇپ قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى