قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاغانلىق پوجاڭزا سېتىش تىجارىتى نۆۋەتتە تەييارلىق مەزگىلىگە قەدەم قويدى

2017-12-07 17:46:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2018- يىللىق چاغانلىق پوجاڭزا سېتىش تىجارىتى نۆۋەتتە تەييارلىق مەزگىلىگە قەدەم قويدى. پوجاڭزا تىجارىتى رەسمىي باشلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا چاغانلىق پوجاڭزا سېتىشتا ئومۇميۈزلۈك بىۋاستە پارچە سېتىش يولغا قويۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەر، خاتىرجەم، ئەلا سۈپەتلىك پوجاڭزا سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2017- يىلىدىكى چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئالدى بىلەن توپ سېتىش كارخانىلىرى بىۋاستە تەمىنلەيدىغان پارچە سېتىش ئەندىزىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ساليوت-پوجاڭزا پارچە سېتىشتا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاشنى % 100 كە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلغان. بۇ سېتىش ئەندىزىسى 2018- يىلى چاغان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن. 2018 - يىلى چاغانلىق پوجاڭزا سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىش، ترانسپورت، زاپاس ساقلاش، توپ سېتىش، تەقسىملەش، پارچە سېتىش ۋە بايرامدىن كېيىن مەھسۇلاتنى يىغىش قاتارلىق يەتتە ھالقىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق ساليوت-پوجاڭزا جەمئىيىتى پوجاڭزا يۆنىلىشىنى باشقۇرۇپ، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن سېتىۋېلىش ئۇچۇر سىستېمىسى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلگىرىكى ئىككى سېستېمىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر سۇپا قىلىپ، ساليوت- پوجاڭزا ئىشلەپچىقىرىش، پارچە سېتىش، يىغىۋېلىش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ پۈتۈن جەريانىنى يېپىق ھالقىسىمان بىخەتەر باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. دېمەك، چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئاھالىلىرى سېتىۋالغان ھەر قانداق پوجاڭزانىڭ مەنبەسى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى