قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئۈچ يەرلىك كارخانا مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2017-12-07 17:47:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

شەرق شامىلى شىنجاڭ ئاپتوموبىل شىركىتى بىلەن 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر گورۇھى تاختىسىمان پۇرژىنا شىركىتى قاتارلىق شىنجاڭدىكى ئۈچ يەرلىك كارخانا مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، شەرق شامىلى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئۆز جايىدا ئىشلەپچىقىرىپ سېتىۋېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچى ئۈسكۈنە - جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولدى.

«شەرق شامىلى» شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىدە، مەخسۇس شىنجاڭ ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان پاكىز ئېنېرگىيەلىك بىر قار تازىلاش ئاپتوموبىلى رەسمىي پۈتتى. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ بىر قىسىم زاپچاسلىرى ئۈرۈمچىدە ئىشلەپچىقىرىلدى. «شەرق شامىلى» شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى جىن جۈن مۇنداق دېدى: «بىزگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ پايدىسى - ئاساسلىقى ئوبروت سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشى بولدى. يەنە بىرى، ئىسكىلات قالدۇقى قۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىغاچقا، پۈتتۈرۈپ تاپشۇرۇش مۇددىتىنى تېزلىتىشكە ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولدى. كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يەرلىكتىن سېتىۋېلىش نىسبىتىنى ھازىرقى ئۈچ پىرسەنتلىك سەۋىيەدىن 10 پىرسەنتلىك سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز».

بۇ قېتىم ئىمزالانغان ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىمدە، شىنجاڭ جىنشۆچى پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى شەرق شامىلى شىنجاڭ ئاپتوموبىل شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللارنى دەسلەپكى سىلىقلاشتۇرۇش مېيى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جىنشۆچى پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىيۇ خۈي مۇنداق دېدى: «بۇ ھەمكارلىق كېلىشىمى شىركەتنىڭ سىلىقلاش مېيى مەھسۇلات مىقدارىنى 60 مىڭ توننىدىن بىۋاستە 100 مىڭ توننىغا كۆپەيتىدۇ. بۇ بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ دەسلەپكى سىلىقلاش مېيى ساھەسىگە كىرگۈزۈشىمىزگە ئىنتايىن پايدىلىق سىناق بولدى. توشۇش، ئەشيا ئوبوروتى، تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن قولايلىق بولدى. كارخانىلارنىڭ كۈچلۈكلەر بىرلىشىپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىشى بىر مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا ئۆزئارا تولۇقلاپ، تەڭ پايدا ئالغىلى بولىدۇ».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى